رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1235 قېتىم كۈرۈلدى
ئىسپانىيەلىك ياش ۋارىتاچى جۇڭگو دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتمەكچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : sports.sina.com.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىدىكى بىرازىلىيەلىك ماھىر مورىچنىڭ جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئۆتمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەر تارقالغىلى ئىككى يىل بولدى، ئەمما ھازىرغىچە بۇ ئىش ۋۇجۇتقا چىقمىدى، بۇنىڭدىن بىز چەتئەللىك توپچىلارنىڭ جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئۆتۈش ئىشىنىڭ قىيىنلىقىنى ھېس قىلالايمىز. بىراق بۇ ھەرگىزمۇ ئەجنەبىيلەر ھەرىكىتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى ئاللىقاچان ئىسپانىيەلىك 19 ياشلىق ياش ۋارىتاچى بىلەن ئىككى يىللىق توختاملاشقان، توپچىمۇ جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئۆتۈشنى قارار قىلغان. بۇنداق بولغاندا جۇڭگو دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ياش ۋارىتاچىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولالىسا جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن توپ تەپسە تامامەن بولىدىكەن.
روچا ئىسىملىك بۇ ياش ۋارىتاچى يېقىندا ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا ھەمدە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزىنى گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىنىڭ توپچىسى دەپ تۇنۇشتۇرغان. جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ قائىدىسى بويىچە چەتئەللىك ۋارىتاچىلارنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشقا بولمايدىغان بولۇپ، بىراق روچا ئۆزىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىدا ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئۆتۈشنى تاللىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇ: «بۇ مەن ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت، ئىسپانىيە پۇتبولچىلىقى ياخشى، بۇ يەردىكى پۇتبول مۇھىتى مېنى مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتكە ئىگە قىلدى. ھازىر مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش بولسا جۇڭگو تەۋەلىكىگە ئۆتۈش» دېگەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

روچا 1994-يىلى مادرىد شەھىرىنىڭ پىنتو رايۇنىدا تۇغۇلغان بولۇپ، يۇرتىدىكى كوماندىدا 6 يىل توپ تەپكەن، كېيىن ئىسپانىيە ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى بىر كوماندىغا قوشۇلغان، ئەمما بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئىشسىز قالغان. نەچچە ئاي ئالدىدا ھەتتا بىر يۈرۈش كومپىيۇتېرىمۇ يوق بولغان بۇ ئىشسىز ياش ھازىر ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونى بولغان كوماندىنىڭ ئەزاسىغا ئايلانغان.
روچا: «مەن نۇرغۇن ئادەملەر ئېرىشەلمىگەن ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇردۇم. نۇرغۇن كىشىلەر توپ تېپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا كەسپىي يولسا ماڭالمايدۇ. ئەكسىچە مەن بۇ قېتىم ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەتكە ئېرىشتىم. مەن تىرىشىپ مەشىق قىلىپ كوماندىدا ئۆز ئورنۇمنى تاپىمەن» دېگەن.
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203