رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1216 قېتىم كۈرۈلدى
باتىستۇتا ئۆزىنىڭ تېرېنېر بولۇش ئويى بارلىقىنى بىلدۈردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : sports.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ۋاڭيى تەنتەربىيىسى 27-نويابىر خەۋىرى:
ئارگېنتالىق پېشقەدەم توپچى باتىستۇتا پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنگىلى خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ توپ كىرگۈزگەندىن كېيىنكى ئۆزگىچە تەبرىكلەش ھەرىكىتى ھازىرغىچە توپ مەستانىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بولۇشى مۇمكىن، يېقىندا ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ پات يېقىندا ياۋروپاغا بېرىپ تېرېنېرلىق ھاياتىنى باشلاش ئويى بارلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ ئۇنىڭ توپ مەستانىلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر خوشاللىنارلىق خەۋەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2005-يىلى كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان باتىستۇتا ئارگېنتىنا تارىخىدىكى مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەيداندىكى ئىلغار ئىپادىسى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، ئۇ يەنە ساداقەتمەن توپچى، كەسپىي ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى فىلورېنتىنا كوماندىسىغا بېغىشلىغان ھەتتا فىلورېنتىنا بىر دەرىجە تۆۋەن بىرلەشمىگە چۈشۈپ كەتكەندىمۇ ئۇ داۋاملىق كوماندا ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، شۇ سەۋەبلىك فىلورېنتىنا شەھىرىدە ئۇنىڭغا ئاتاپ ياسالغان ھەيكەل تاكى ھازىرغىچە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
كەسپىي ھاياتىنى قاتار بىرلەشمىسىدە ئاخىرلاشتۇرغان باتىستۇتا ئىلگىرى قاتارنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ئوبراز ۋەكىلى بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئارگېنتىنادىكى كولون پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسىي باشقۇرغۇچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، لېكىن كۇلۇبنىڭ ئېلىپ بارغان يېڭى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولمىغانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن ئۆزى ئىستىپا بەرگەن، يېقىندا ئۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئارگېنتىنادىن كېتىش ئويى بارلىقىنى، كەلگۈسىدە ياۋروپاغا بېرىپ تېرېنېرلىق ھاياتىنى باشلاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: تېرېنېر بولماق ھەقىقەتەن ئۇنداق ئاسانغا چۈشمەيدۇ، بۇ تولىمۇ سەۋرىچانلىق ھەم ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت. مېنىڭچە مەن ئەمدى ئارگېنتىنادا خىزمەت قىلماسلىقىم مۇمكىن، چۈنكى مېنىڭ ياۋروپاغا قايىتقۇم بار ھەم شۇ يەردە تېرېنېرلىق ھاياتىمنى باشلىغۇم بار.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دېيىشىچە باتىستۇتانىڭ ياۋروپا ئىچىدە بېرىش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ بولغان دۆلەت ئىتالىيە ئىكەن، چۈنكى كەسپىي ھاياتىدا ئۇ ياۋروپا تەۋەسىدە پەقەت ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىلا توپ تەپكەن بولۇپ، فىلورېنتىنا ، رىم ۋە خەلىقئارا مىلان كوماندىلىرىدا ئۆزىنىڭ ئاياغ ئىزىنى قالدۇرغان، شۇڭا ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى مەلۇم بىر كوماندىنىڭ تېرېنېرى بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن.
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203