رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 3580 قېتىم كۈرۈلدى
مارسېلو: رونالدو چوقۇم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئالالايدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

خان جەمەتى مادرېدنىڭ مۇئاۋىن كاپىتانى مارسېلو ئالدىنقى كۈنى ياۋروپا چېمپيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ بۇ قېتىملىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ساھىبى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بىلدۈردى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كىرسىتىيانو رونالدونى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى يەنە ئىپادە بىلدۈرۈپ ھازىرقى مادرېدتا يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىتا ئەنچىلوتتىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقىنىڭ ئىنتايىن توغرا بولغانلىقىنى ئېيتتى.
رونالدو ھازىر يەنە بىر قېتىم ئالتون توپ مۇكاپاتىدىكى قىزىق نۇقتا شەخس بولۇپ قالدى، مارسېلومۇ بۇ قېتىم رونالدونى نامزاتلىققا كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «مېنىڭچە رونالدو ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا لايىق، ئۇ بەك قالتىس، مەن ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يىل بىللە توپ تەپتىم، ئۇنىڭ قانچىلىك مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق زىددىيىتىم يوق، گەرچە ئۆتكەن يىللىق كاشىلىياسنى قوللىغان بولساممۇ، بىراق مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق ئاداۋىتىم يوق»
ھازىر خان جەمەتى مادرېدتا يارىلىنىش ئەھۋالى بەك ئېغىر، خىدىرا، رونالدو قاتارلىق ئاساسلىق ماھىرلارنىڭ ھەممىسى يارىلىنىپ داۋالىنىۋاتىدۇ، ئەنچىلوتتى ھازىر نۆۋەت بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈرۈش تۈزۈمىنى قوللاندى، مارسېلو «بۇ تاكتىكىدا ھېچقانداق مەسىلە يوق، كوماندىمىزنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى بەك ياخشى بولىۋاتىدۇ، ھۇجۇم كۈچلۈك، مۇداپىئە مۇستەھكەم».

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203