نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 1311 قېتىم كۈرۈلدى
20 ھەسسە تېزلەشكەن تور سۈرئىتى بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-03 -05
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :


 

www.alhux.com

ھازىر ئائىلىلەردىكى ئادەتتىكى تورنىڭ سۈرئىتى  MB 1-4 بولىدۇ. ئەگەر بۇ سۈرئەت تاسادىپىي ئەسلىدىكىدىن 20 ھەسسە تېزلىشىپ كەتسە، ئۇ بۇنداق تېز سۈرئەتلىك تور بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا راستىنىلا ئېنىق بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.
ئەگەر بىزنىڭ دېگىنىمىز راستىنىلا كېيىنكى بىر ئەۋلاد تورنىڭ سۈرئىتى بولۇپ، كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە ئەمەلىيلىشىدىغان بولسا، راستىنىلا يۈز بېرىدىغان بەزى ئىشلارغا بىزنىڭ ئەقلىمىز يەتمەيدۇ. كەسپىي ئەربابلارنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو تېلېگرافى يەنىمۇ تېز قەدەمدە يېڭى تەرەققىياتلارنى كۈتۈۋالىدىكەن، تور سۈرئىتى ۋە تور سۈپىتى جەھەتتە يەنىمۇ ياخشىلىنىش مەيدانغا كېلىدىكەن.
ئەگەر مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا، نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەر كۆرسىتىش ئېكرانى ئارقىلىق چەتئەلدە ئىشلىنىۋاتقان ئۆسمە كېسىۋېتىش ئوپېراتسىيىسىنى نەق مەيداندىن كۆرمەكچى بولسا، ئەگەر بۇ ئوپېراتسىيىسىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى IPv4 تورى ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىتىلسا، ئەلۋەتتە، بۇنى تارقىتىشقا ناھايىتى كۆپ مەبلەغ ۋە كۈچ كېتىدۇ. ئەگەر تور سۈرئىتى تېزلىشىپ، IPv6 ئارقىلىق تارتىلىدىغان بولسا، ئېنىقكى تور سۈرئىتى ئالدىنقى تور سۈرئىتىدىن 100 ھەسسە تېز بولىدۇ، بۇنداق تېز سۈرئەت تور مۇھىتىدا ھەر سېكۇنتىغا 2 پارچە DVD دىسكىسىدىكى ئۇچۇرلارنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. بۇنداق تېز سۈرئەتلىك تور مۇھىتىدىكى بىۋاسىتە تارقىتىشنىڭ سۈرئىتى ۋە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

 

 

www.alhux.com 
 
 

كېيىنكى بىر ئەۋلاد توردا بىۋاسىتە تورغا چىققىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە، بۇلار كومپيۇتېر ۋە يانفونلار بولۇپ قالماستىن بەلكى يەنە كۆپ ئىقتىدارلىق سائەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىل كۆپ ئىقتىدارلىق سائەتلەر قان بېسىمى، تومۇر سوقۇشى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى خاتىرىلىيەلەيدۇ ھەمدە سىمسىز تور ئارقىلىق بۇلارنى ساقلىقنى ساقلاش ئورگانلىرىغا يوللايدۇ. ھازىر چەتئەلدە بىر خىل جىددىي قۇتقۇزۇش يانفونى ياخشى مۇلازىمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنى ئادەتتە ياشانغانلار بىلەن كېسەل كىشىلەر بويۇنلىرىغا ئېسىۋالىدىكەن. ئەگەر شۇ كىشىلەردە تاسادىپىي غەيرىي ئەھۋاللار يۈز بەرسە، جىددىي قۇتقۇزۇش يانفونى كونكرېتنى ئەھۋالغا دىئاگنوز قويۇپ، ئۆزى ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا تور ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلىدىكەن.
ئەلۋەتتە، كېيىنكى بىر ئەۋلاد تور مۇھىتىدا بۇنداق نەرسىلەر بىز دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ھازىر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز، مەيلى ئاددىي تورداش بولسۇن ۋەياكى داڭلىق پروگراممېر بولسۇن، ھەممىمىز تور سۈرئىتىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى بۇنداق ئاستا تور مۇھىتىدا نۇرغۇنلىغا ئويۇنخۇمار دوستلىرىمىز بەزى ئېسىل ئويۇنلارنى ئويناشتىن مەھرۇم بولۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىق تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن ۋاقتىمىز پەقەت بەت ئېچىش ئۈچۈنلا كېتىۋاتىدۇ. ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، ئىلگىرىكى باشقىلارغا تېلېفون ئۇرۇن ئۈچۈن ئۆچىرەتتە ساقلايتتۇق، ھەتتا يېرىم سائەت ساقلاپ تۇرۇپ، مىڭ تەسلىكتە كەلگەن ئۆچىرەتتە، ئۆيدىكىلىرىمىزگە بىر تېلېفون قىلىۋالساق، ئالەمچە يايراپ كېتەتتۇق، ئەمما ھازىر ئۇلار ئاللىبۇرۇن كەلمەسكە كەتتى. ھازىر ئۆز تەۋەلىكىمىزگە ئەمەس، چەتئەللەرگە تېلېفون قىلىشمۇ شۇنداق قۇلاي،  ھازىر بۇلار تۇرمۇشىمىزدىكى مۇھىم قورالغا ئايلانغىنى بىلەن، ئەمما بىز ئۇلارنى ئانچە مۇھىم دەپ كەتمەيمىز.
ھازىر مەيلى بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز بولسۇن ۋە ياكى خىزمىتىمىز بولسۇن، توردىن ئايرىلالمايدۇ، تورسىز مۇھىت بىزگە ناھايىتى زېرىكىشلىك تۇيۇلغاندىن سىرت، يەنە نۇرغۇنلىغان زىيان ئېلىپ كېلىدۇ ۋە بىزنى كۆپلىگەن پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بىز يەنىلا تور سۈرئىتىنىڭ يەنىمۇ تېز بولۇشىنى، تور قۇرۇلۇشىنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەل، يەنىمۇ قۇلايلىققا قاراپ يۈزلىنىشىنى، تۇرمۇشىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغمۇ سىڭىپ كېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش