نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 6936 قېتىم كۈرۈلدى
توردىكى لايىق تونۇشتۇرۇش ئالدامچىلىرىدىن ھەزەر ئەيلەڭ!
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.chinanews.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

تورىدىكى لايىق تونۇشتۇرۇش، قاچانمۇ نىكاھ ئالدامچىلىقىنى شەكىللەندۈرمەيدىغاندۇ؟

توردا لايىق تونۇشتۇرۇش بولسا ياشلار ئارىسىدا يېڭىدىن مودا بولۇۋاتقان بىر خىل توي مۇلازىمەت ئەندىزىسى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان بويتاق ياشلارنىڭ ئىتتىك قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشمەكتە. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل ئالدامچىلىقى ۋە نىكاھ ئالدامچىلىقى شۇنداقلا شەخسنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلىۋېلىش ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىدىغان ئىشلار تولىمۇ ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، توردىكى لايىق تونۇشتۇرۇشقا قىزىققۇچىلارنى ئەندىشىگە سېلىپ قويۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ قىزلاردىكى ئەندىشىگە يىگىتلەرگە قارىغاندا بىر ئاز كۆپرەك ئىدى.
توردىكى لايىق تونۇشتۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالدامچىلىق دېلولىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ دۆلەت توردىكى لايىق تونۇشتۇرۇش توپىغا قارىتا قانۇنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنىڭ بەكمۇ كەمچىلىكىنى، شۇڭا چوقۇم قانۇن بويىچە توردا لايىق ئىزدەيدىغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش كېرەك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم توردا لايىق تونۇشتۇرىدىغان مەخسۇس تور بېكەتلىرىدە تور ساقچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
فۇدىڭ شەھىرىدىكى شەھەر ئاھالىسى جاڭ يۆ(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بۇ يىل 29ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئاق ئاتلىق شاھزادىسىنى تاپالمىغان، شۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە توردا مودا بولۇۋاتقان شۇنداقلا ياشلار ئىنتىلىۋاتقان توردىكى لايىق تونۇشتۇرۇش توپىغا قىزىقىپ قالغان. ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرى، شياڭگاڭدىكى مەلۇم بىر شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى لى فامىلىلىك ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشكەن ھەم جاڭ خېنىمنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ چىققانلىقىنى، شۇڭا توي قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا بىر مەزگىل ئارىلىشىپ كۆرۈپ بېقىشنى، ئەگەر مىجەزى چىقىشىپ قالسا دەرھال توي قىلىشنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن جاڭ خېنىممۇ ناھايىتى تېزلا ماقۇل بولۇپ، رومانتىك مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەن.
ئۇزۇن ئۆتمەي، لى فامىلىلىك بۇ يىگىت جاڭ يۆنى شياڭگاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشىنى ھەم ئۆزى بىلەن توي قىلىشنى ئېيتقان، لى فامىلىلىك ئۆزى بىر ئادۋوكات بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بەرمەكچى بولغان. شياۋ ئادۋوكات جاڭ يۆ بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىنىڭ لى فامىلىلىك يىگىت تونۇشتۇرغان ئادۋوكات ئىكەنلىكىنى، جاڭ خېنىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇڭا رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ھەققى ئۈچۈن 48600يۈەن پۇل بېرىشىنى ئېيتقان. جاڭ خېنىممۇ ھېچقانداق ئىككىلەنمەيلا دەرھال ئۇ ئېيتقان بانكا كارتىسىغا مۇشۇ پۇلنى ئەۋەتىپ بەرگەن.
ئىككى كۈندىن كېيىن، شياۋ ئادۋوكات يەنە پەيدا بولۇپ، شياڭگاڭدا ئولتۇراقلىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈچۈن يەنە 160مىڭ يۈەن سۇغۇرتا تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. جاڭ خانىم رومانتىك مۇھەببەتنىڭ قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەن بولغاچقا شۇنچە ئېنىق تۇرغان ئالدامچىلىقنى ھېس قىلالماي شۇنچىلىك كۆپ پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىشىنىڭ كويىدا بولغان ھەم ئەتراپىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن پۇل قەرز ئېلىشقا باشلىغان. ئاخىرى 80مىڭ يۈەننى تەييارلاپ ئالدىنئالا شياۋ ئادۋوكاتقا پۇلنى سېلىۋەتكەندىن كېيىن ئالاھىدە تېلېفون قىلىپ، قالغان پۇلنى پات ئارىدا ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. جاڭ يۆنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ مۇنچە ئالدىراش ھەم جىددىي پۇل قەرز ئېلىپ يۈرگەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئالدامچىغا يولۇقۇپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلغان ھەم دەرھال دېلو مەلۇم قىلىپ ساقچىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان.
بۇ يىل 3-ئاينىڭ باشلىرىدا، فۇدىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چۈەنجۇ، شىشى قاتارلىق جايلاردىكى ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاخىرى لىن فامىلىلىك، مىڭ فامىلىلىك، سۇ فامىلىلىك ۋە شياۋ فامىلىلىك تۆت جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان.
شەخس ئۇچۇرلىرىنى تەستىقلايدىغان ئورۇندا مەسئۇلىيەت كەمچىل، شەخسنىڭ ئۇچۇرلىرى ئاسان ئاشكارىلىنىپ كېتىدۇ
«1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى»مەزگىلىدە، مۇخبىر ئەسىر ھالقىغان لايىق تونۇشتۇرۇش بېكىتى، قەدىرلەش تورى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدە خېلى نامى بار لايىق تونۇشتۇرۇش تور بېكەتلىرىگە چىقىپ، نۇرغۇنلىغان خالىغانچە نام، خالىغانچە ياش ۋە خالىغان خىزمەت ئورنىنى يېزىپ لايىق تونۇشتۇرۇشنى كۈتۈۋاتقان ياش قىز-يىگىتلەرنىڭ بەكمۇ كۆپلۈكىنى بايقىغان، ئۇلارنىڭ شەخس ئۇچۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يالغان بولۇپ، خالىغانچە يېزىپ قويغان، بۇ تور بېكەتلىرىدىكى مەسئۇل خادىملارمۇ ئۇلارنىڭ شەخس ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرمەيلا ئېلانىنى تورغا چىقىرىۋەتكەن.
فۇدىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىكى دىڭ ساقچى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، تورىدىكى لايىق تونۇشتۇرۇش ئالدامچىلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن بولۇپ، نۇرغۇنلىرى دېلو مەلۇم قىلمىغان ھەم ئۆزىنىڭ ئالدامچىلارغا ئۇچراپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ نەس باسقانلىقىنى ئېيتىپ جىمجىت يوقاپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن توردىكى ئالدامچىلارنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ ئۇلارنىڭ ھېچنېمىدىن قورۇقماي نەچچە 100مىڭ يۈەننى تەلەپ قىلىشىدەك زور سوممىدىكى ئالدامچىلىق دېلولىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاساس سېلىپ بەرگەن. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە توردا قالدۇرۇپ قويۇپ، كەينىدىن ئالدامچىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەندە ئۆزىنى نەس باستى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ نەقەدەر ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلالمىغان، دېلو مەلۇم قىلىشنى خالىمايدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قىزلار بولۇپ، يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمىغانلىقتىن ئىكەن.
توردىكى لايىق تونۇشتۇرۇش ئالدامچىلىرىنىڭ نەچچە خىل شەكلى بار
تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، نەچچە يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن توردىكى ئالدامچىلىق دېلولىرىنى تەپسىلىي كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بىر نەچچە خىل شەكلىنى يەكۈنلەپ چىققان: يالغاندىن توي قىلمىغان دەپ باي، كېلىشكەن يىگىتلەرنىڭ سىياقىغا كىرىۋالغان قېرى ئالدامچىلار، يەنە بىر تۈركۈملەر بولسا ئۆزىنىڭ نىكاھتىكى مەغلۇبىيىتىدىن ئازابلىنىپ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ياخشى قىزلارنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان باي يىگىتلەر سىياقىدىكى ئالدامچىلار، يەنە بىر تۈركۈملەر بولسا ياش چىرايلىق قىزلارنىڭ باش سۈرىتىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق مەخسۇس ئەرلەرنى ئالدايدىغان ئالدامچى قىز-ئاياللار، مانا مۇشۇنداق نەچچە تۈركۈمگە ئايرىلغان توردىكى ئالدامچىلار جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھە-ھەرقايسى كەسىپتىكى بىچارە كىشىلەرنى ئالداپ ئۇلارنى قاق-سەنەم قىلماقتا، شۇڭا ئەتراپىڭىزدىكى تور ئالدامچىلىرىدىن ھەزەر ئەيلەڭ!!!

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776