نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 5740 قېتىم كۈرۈلدى
سەككىز ياشلىق ئۆگەي ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى پارچىلىۋەتكەن قەبىھ ئايال
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-05 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.ifeng.com

جۇڭگو ئاخبارات تورى تەييۈەن 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرى:
5-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شەنشى ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر ئۆگەي ئانىنىڭ سەككىز ياشلىق بالىنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە رەھىمسىزلەرچە جەسىتىنى پارچىلاپ تاشلىۋەتكەنلىك دېلوسىنىڭ سوتى، شەنشى ئۆلكىسى يۈنچېڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان بولۇپ، جىنايەت گۇماندارى جۇ فامىلىلىككە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلغان ئىدى.
بۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 2011-يىلى، ياۋفېڭ بازىرى نەنگۈەن كەنتىدىكى پېڭ فامىلىلىك بىلەن مۇشۇ كەنتتە تۇرىدىغان جۇ فامىلىلىك توي قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن پېڭ فامىلىلىكنىڭ ئىككى قېتىملىق نىكاھتىن مەغلۇپ بولۇش ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىدى، بىرىنچى ئايالىدىن تۇغۇلغان بىر ئوغلى بار بولۇپ، يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى دادىسىغا بۇيرۇلۇپ بېرىلگەن. جۇ فامىلىلىك بۇ ئائىلىگە توي قىلىپ كىرگەندىن كېيىن ئىزچىل چياڭچياڭغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ باقمىغان، ھەدىسىلا ئۇنى ئېغىر-يېنىك ئىشلارغا بۇيرۇپ ئۆزىنىڭ مالىيى قاتارىدا ئىشلەتكەن ھەم دادىسى يوق يەرلەردە دۇمبالاپ ئىچى-پۇشۇقىنى چىقارغان.
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە، چياڭچياڭ ئۆگەي ئانىسى جۇ فامىلىلىك سېتىۋالغان توخۇ پۇتىنى ئوغرىلىقچە يەۋالغان، كېيىن ئۆگەي ئانىسى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغاندىن كېيىن قاتتىق تاياق يېگەن، جۇ فامىلىلىك پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ بارلىق قىيىن ئۇسۇللارنى بالىنى قىيناپ ئۇنىڭ يەنە ئوغرىلىق قىلسا پۇت-قولىنى ئۈزۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن چياڭچياڭنىڭ بوۋىسى دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان بولغاچقا، مومىسى بوۋىسىنىڭ يېنىغا كەتكەن بولۇپ، دادىسى سىرتقا سودا ئىشى بىلەن چىقىپ كەتكەن ئىدى، مانا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆگەي ئانىسى بىلەن يالغۇز قالغان بىچارە چياڭچياڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان.
سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىشىچە، 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، جاۋابكار جۇ فامىلىلىك پېڭ فامىلىلىكنىڭ ئوغلى چياڭچياڭنىڭ ئۆزى يېيىش ئۈچۈن سېتىۋالغان توخۇ پۇتىنى ئوغرىلىقچە يەۋالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىلەر بىلەن، ئۆيىدە ھېچكىم يوق ۋاقتىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى چياڭچياڭنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ھەم جىنايىتىدىن قورقۇپ جەسەتنى پارچىلاپ نەچچە يەرگە بۆلۈپ تاشلىۋەتكەن.
سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار جۇ فامىلىلىك كىچىك ئىشنى باھانە قىلىپ، پالتا بىلەن ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن چياڭچياڭنى قەبىھلەرچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھەم جەسەتنى پارچىلاپ نەچچە يەرگە بۆلۈپ تاشلىۋەتكەن، قىلمىشى قەبىھ، جىنايىتىنى يوشۇرغان، شۇڭا قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىشى كېرەك، بىراق قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنكى جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، ئۆزىنىڭ بارلىق جىنايىتىنى بىرنى قويماي تولۇق ئىقرار قىلغان دەپ قاراپ يۇقىرىقىدەك ھۆكۈمنى چىقارغان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776