نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 3458 قېتىم كۈرۈلدى
فىلىپپىن سايلىمى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ مالىمان قىلىشىغا ئۇچرىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-05 -10
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.kn58.com

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مانىلا 5-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى
فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى 9-چېسلا لۇسۇڭ ئارىلىغا بېلەت تاشلاش ماشىنىسىنى يۆتكەۋاتقان ۋاقىتتا، ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ ئىككى قېتىملىق زەربىسىگە ئۇچرىغان ۋە بۇ قېتىم ئۈچ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ، بەش ئادەم ئېغىر يارلانغان.

فىلىپپىن 5-پىيادىلەر قىسمىنىڭ باياناتچىسى لومىسنىڭ دېيىشىچە، بىرىنچى قېتىملىق يوشۇرۇن زەربە بېرىشتە، تەخمىنەن 20 نەپەر ئۆكتىچى پارتىيە ئەسكەرلىرى 9-چېسلا ئەتىگەن يىراق تاغلىق رايوندىكى مەكتەپكە بېلەت تاشلاش ماشىنىسىنى يۆتكەۋاتقان 70- پىيادىلەر قىسمىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە بىر ئەسكەرنىڭ ئۆلۈپ ئىككى ئەسكەرنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئىككىنچى قېتىملىق يوشۇرۇن ھۇجۇم 17-پىيادىلەر ئارمىيىسى بېلەت تاشلاش ماشىنىسىنى شىمالى قىسىمدىكى كىلىنا ئۆلكىسىگە يۆتكەۋاتقاندا ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. ئۇلار 9-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بىر يېزىغا يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ، يېڭى خەلق ئارمىيىسىنىڭ (ئۆتىچى پارتىيە) يوشۇرۇن زەربە بېرىشىگە ئۇچرىغان ۋە ئىككى ئەسكەر قازا قىلىپ ئۈچ ئادەم ئېغىر يارلانغان.
فىلىپپىن 13-چېسلا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام ئۆتكۈزمەكچى بولغان. يېڭى خەلق ئارمىيىسى 1969-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، فېللىپپىنىڭ يىراق يېزىلىرىدا 40 يىلدىن ئارتۇق پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلغان، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ فىلىپپىندىكى ئاساسى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
ئالدىنقىسى :

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776