نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 7315 قېتىم كۈرۈلدى
ئوباما ئۆزىنىڭ «يېڭى چاچ پاسونى» نى نامايەن قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -29
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.xinhuanet.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

سۈرەتتە: ئوباما شۇ ۋاقىتتا ئاق سارايدا مۇخپىرلار بىرلەشمىسىنىڭ كەچلىك مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، مۇراسىمدا ئۇ ناھايىتى خۇشالدەك كۆرىنەتتى.
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 4-ئاينىڭ 27-كۈنى كىچىدە ئاق سارايدا مۇخپىرلار بىرلەشمىسىنىڭ كەچلىك مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ناھايىتى قىزىقارلىق ھالەتتىكى چاچ پاسونىنى ئاشكارلىغان ۋە شۇنداقلا كىشىلەرنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرغان.
كەچلىك مۇراسىمدا ئوباما ئۆزىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن سۈرەتلىرىنى ئاشكارلىغان بولۇپ، سۈرەتتە ئوبامانىڭ چاچ پاسونى مىچىلنىڭ ماڭلاي چاچ پاسونىغا ئوخشاپ قالغان. ئوباما مۇنداق دېدى، مەن ئىككىنچى قېتىملىق زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن، يەنى ئۆزۈمنىڭ ئوبرازىمنى يۇقىرىلىتىشنى خالايمەن، يەنى مىچېلنىڭ كەينىدە قالماي چاچ پاسونۇمنى ئۆزگەرتىپ تۇراي دەيمەن، بۇمۇ مېنىڭ ئارزۇلىرىمدىن بىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ئوباما شۇ كۈنى كىچىسى ناھايىتى خۇشال بولۇپ، توختىماي ئۆزىنى ئۆزى خۇشال قىلىپ تۇراتتى. بۇندىن بۇرۇن ئوباما پاسخا بايرىمىدىكى پائالىيەتتە ۋاسكىتبول ئويناپ 22 قېتىم گارغا توپ ئېتىپ ئىككى قېتىم كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتىكى ناھايىتى تۆۋەن بولغان توپ كىرگۈزۈش نىسبىتىمۇ ناھايىتى كەم تېپىلىدىغان كۈلكە ماتېرىيالى بولۇپ قالغان ئىدى. زۇڭتۇڭ ئەپەندىمۇ شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ھەركەتلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن باھالاپ مەيداندىكىلەرنى تېخىمۇ كۈلدۈرىۋەتكەن ئىدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776