نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 5674 قېتىم كۈرۈلدى
iPhone شەكلىدە لايىھىلەنگەن تۈرمە
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : tech.qq.com

يېقىندا، بىرازىلىيىنىڭ داڭلىق ژۇرنىلى-Go Outside دا Photoshop ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان بىر تۈركۈم رەسىملەر بېسىلغان بولۇپ، بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ئۈچ پارچە رەسىمنىڭ ھەممىسى تۈرمىنى باش تېما قىلغان رەسىملەر بولۇپ، لېكىن بۇ تۈرمىلەرنىڭ شەكلى ئۆزگىچە ھەم قىزىقارلىق قىلىپ لايىھىلەنگەنىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى تۈرمىلەرنىڭ لايىھىسى كومپىيوتېر مائۇسىغا ئوخشىسا، يەنە بەزى تۈرمىلەر بولسا قوڭغۇراقلىق سائەتكە ئوخشايدىغان شەكىلدە لايىھىلەنگەنىدى. ئۇنىڭ ئىچىىدكى يەنە بىر تۈرمىنىڭ شەكلى بولسا ئالما شىركىتىنىڭ iPhone يانفونىنىڭ شەكلىگە قەۋەتلا ئوخشايتتى.
سىز ئەگەر بۇ رەسىملەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىدىغان بولسىڭىز، گەرچە بۇ تۈرمىلەرنىڭ رەسىملىرى ناھايىتى مۇرەككەپ قىلىپ لايىھىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىر پارچە رەسىمدە بىردىن ئادەمنىڭ تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز. بۇ ئۈچ پارچە ئەسەرنىڭ ئاپتورى Sãu Paulo بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئۆزگىچە لايىھە ئەسەرلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشتىكى ھەر خىل بېكىنمىچىلىك ئىدىيەلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، تېخىمۇ ئىجادىي بولغان نەرسىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا ئىلھام ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

بۇ رەسىمدىكى تۈرمىنىڭ شەكلى كومپىيوتېر مائۇسىغا ئىنتايىن ئوخشاپ قالىدىغان بولۇپ، سىز تەپسىلىي كۆزىتىش ئارقىلىق بۇ رەسىمدە بىر جىنايەتچىنىڭ تۈرمە تاملىرىنى چېقىپ تۈرمىدىن قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىيالايسىز. Sãu Paulo نىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ مەنىسى بولسا كىشىلەرنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ئېلىكتىرون ئۈسكۈنىلىرىگە ھەددىدىن ئارتۇق تايىنىۋېلىشىنى توسۇپ، كىشىلەرنى يۈرەكلىك ھالدا ئىجادىيەت يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
 

Www.AnAdiyar.Cn

بۇ تۈرمىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى قۇڭغۇراقلىق سائەتكە ئىنتايىن ئوخشايدىغان بولۇپ، بۇ رەسىمدىمۇ بىر كىشى ناھايىتى ئېگىزلىكتىكى دېرىزىدىن ئارتىلىپ چىقىۋاتقان ئىدى. بۇ رەسىم بىزنىڭ ئادەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ۋاقىتنىڭ بىر قىسىم باش ئايىغى چىقمايدىغان ئۇششاق چۈششەك ئىشلار تەرىپىدىن ئىگەللىنىلىپ كەتكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، Sãu Paulo بولسا بۇ لايىھىسى ئارقىلىق كىشىلەرنى مۇشۇنداق ھەر خىل <توسۇق>لارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ۋاقتىغا قايتىدىن ئۇقۇم بېرىپ، يېڭىچە ياشاشقا ئىلھاملاندۇرغان.
 

Www.AnAdiyar.Cn

بۇ بولسا تاشقى كۆرۈنۈشى iPhone يانفونىغا ئوخشاش قىلىپ لايىھىلەنگەن تۈرمە بولۇپ، رەسىمنى تەپسىلىي كۆزەتكەندە، بىر كىشىنىڭ تۈرمە يەر ئاستىنى تېشىپ تۈرمىدىن قېچىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتتە، ھەر خىل ھەر شەكىللىك كۆچمە ئالاقە ۋاستىلىرى بىزنى يۇقىرى دەرىجىدە ئىجتىمائىيلاشتۇرۇۋەتكەن بولۇپ، قارىماققا بىزنىڭ ھېچقانداق ئۆزىمىزگە مەنسۇپ بولغان بوشلۇقىمىز قالمىغاندەك قىلاتتى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776