نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 4452 قېتىم كۈرۈلدى
سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى لىۋان ئاللا پارتىيەسىگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -23
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : world.huanqiu.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

شارى تورى مۇخبىرى جاۋ شوۋېي خەۋىرى،فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 22- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى تەشكىلات «مەملىكەتلىك ئىتتىپاق» نىڭ ئەزالىرى 22- ئاپرېل ئاگاھلاندۇرۇپ: لىۋان ئاللا پارتىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ھومس ئۆلكىسىدىكى قىلغان- ئەتكەنلىرىنى «جەڭ ئېلان قىلغانلىق» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ھومستا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار سۇرىيە خەلقىگە قارىتا جەڭ ئېلان قىلغانلىقتۇر، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىشلارنى مۇشۇ نۇقتىدا تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.» دېدى تېخى يېقىندىلا خاتىبنىڭ ئورنىنى ئېلىپ «مەملىكەتلىك ئىتتىپاق» نىڭ رەئىسى بولغان سابرا. ئۇنىڭدىن باشقا، سابرا يەنە مۇنداق بىلدۈردى: «لىۋان پرېزىدېنتى ۋە ھۆكۈمىتى (لىۋان ئاللا پارتىيەسىنىڭ) سۈرىيە خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى، ھەمدە كەلگۈسىدە سۇرىيە خەلقى ۋە دېپلوماتىك مۇناسىۋەتكە كۆرسىتىدىغان خەۋپىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.»
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بەزى تاراتقۇلاردا: لىۋاندىكى شىئە مەزھىپىدىكى سەرۋاز جەڭچىلەر سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ، ھومستا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن ئۇرۇشىۋاتىدۇ، دىيىلگەنىدى. ھومىس ئۆلكىسى سۈرىيە- لىۋان چېگرىسىغا يېقىن بولۇپ، نۆۋەتتە سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھومس ئۆلكىسىنىڭ كۇسائىر دېگەن يېرىدە نۇرغۇن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىۋالدى، كۇسائىرنى ئىلگىرى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى كونترول قىلغان. كۇسائىر رايونى سۈرىيە- لىۋان چېگرىسىغا يېقىن بولۇپلا قالماستىن، يەنە سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتىن دېڭىز ياقىسىغا بارىدىغان مۇھىم يول بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
سۈرىيە پرېزىدېنتى باشار ئىلگىرى لىۋاندىن زىيارەتكە كەلگەن سىياسىيونغا كۇسائىر رايونىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. لىۋاندىكى بىر ئەمەلدار باشارنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز قانچىلىك بەدەل كېتىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ رايوننى قولغا ئالىمىز.»
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
كىيىنكىسى:

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776