نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1421 قېتىم كۈرۈلدى
كورد ئىشچىلار پارتىيەسى رەھبىرى كورد قوراللىقلىرىنى تۈركىيە چېگرىسىدىن ئايرىلىشقا چاقىردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-04 -05
  • يوللىغۇچى : كامىلجان
  • مەنبەسى : news.163.com

 كورد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ قوراللىق كىشىلىرى

شىنخۇا تورىنىڭ 4 – ئاپرېل ئەنقەرەدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : تۈركىيە «بۈگۈنكى دەۋر» تور بېكىتىنىڭ 4 –ئاپرىل خەۋەر قىلىشىچە، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كورد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئېجالەن بايانات ئېلان قىلىپ، كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنى قورالنى تاشلاپ، تۈركىيەدىن چېكىنىش، تارىخي خاراكتىرلىك تېنچ يارىشىپ قېلىشنى ئۈزۈل كېسىل ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىرغان.
ئېجالەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنىڭ 18 – ئاپرىلدىن باشلاپ تۈركىيەدىن چېكىنىشىنى، ھەمدە بارلىق كىشىلەرنىڭ تېنچلىق مۇساپىسىگە قەدەم بېسىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئېجالەننىڭ بۇ باياناتى ھۇجۇم قىلىشنى توختاتقاندىن كېيىن، كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنىڭ تۈركىيەدىن چېكىنىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۇ ئارقىلىق تېنچ ئىلگىرىلەشنى تاماملاشتىكى يېڭى بىر تەرەققىيات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
3 – ئاپرىل، تۈركىيە تېنچلىق ۋە دېموكراتىيە پارتىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىملال ئارىلىدا شۇ يەرگە قامالغان ئېجالەن بىلەن كۆرۈشتى. ئېجالەن بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئارقىلىق بۇ باياناتنى ئېلان قىلدى.
2012 – يىل 10 – ئايدىن باشلاپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كورد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئېجالەن تېنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى، ھەمدە كورد ئىشچىلار پارتىيەسىنى قورالنى تاشلاپ، تۈركىيەدىن ئايرىلىشقا دەۋەت قىلدى. بۇ يىل 22 – مارت، ئېجالەننىڭ چاقىرىقى بىلەن، كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بىراق تۈركىيەدىن ئايرىلىشقا قوشۇلمىدى.
كورد ئىشچىلار پارتىيەسى 1979 – يىل قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار قورال كۈچى ئارقىلىق، تۈركىيەنىڭ شەرقى قىسمى، شەرقى جەنۇبى قىسمى ۋە ئىراق، ئىران ھەم سۈرىيە چېگرىلىنىدىغان، كوردلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى كۆزلەيدۇ. بۇ تەشكىلات 1980 – يىل تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بۇ تەشكىلاتنىڭ قوراللىق ئادەملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئىراقنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا توپلىشىۋالغان بولۇپ، دائىم تۈركىيە چېگرىسىدىن ئۆتۈپ، ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغاپ تۇرىدۇ.
      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776