نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 9446 قېتىم كۈرۈلدى
بىن لادىن ئۆلۈش ئالدىدا ئايالىنى «قالقان» قىلغانىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-03 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.chinanews.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گىزىتى» تورى نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىن لادىننى ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتىنىڭ بىر نەپەر ئەزاسى ئالدىنقى كۈنى «ئىسكۇۋايىر» (Esquire) ژورنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پۈتۈن دۇنياغا سېسىق نامى پۇر كەتكەن بۇ تىرورچىنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىنى تۇنجى قېتىم تاشقى دۇنياغا ئاشكارلىغان.

ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، مەزكۇر ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلىمىدى، ۋە ئۆزىنى «مەرگەن» دەپ ئاتىدى. ئۇ زىيارەت جەريانىدا بىن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش جەريانىنى، يەنى ھەل قىلغۇچ ئىككى مىنۇتنى تەپسىلى بايان قىلدى.

 

Www.AnAdiyar.Cn

«مەرگەن» بولسا بىن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ئالتە كىشىلىك ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ ئالتەيلەن بۇيرۇقنى تاپشۇرۋالغاندا، بىر نەپەر مەركىزى ئاخپارات ئىدارىسىنىڭ ئايال ئالاھىدە خادىمى ئۇلارغا «بىز بىن لادىننىڭ پاكىستاننىڭ ئاببوتتاباد بازىرى (Abbottabad town) دىكى بىر ئۈچ قەۋەتلىك بىنادا ئىكەنلىكىگە بىر پىرسەنت ئىشەن قىلالايمىز.» دېگەن.
«مەرگەن» شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:« بىز ئۇنى تاپتۇق، ئۇ راستىنلا ھېلىقى ئۈچ قەۋەتلىك بىنادا بار ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەن ھوجۇم قىلىشقا ئەپلىك جاي ئىزدىدىم ۋە شۇنداقلا قۇرالىمنى ئېلىپ نىشاننى قارغا ئالدىم. مەن ئۇ ۋاقىتتا بىن لادىننى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالدىم، ئۇ ناھايىتى ئىگىز ۋە ئورۇق ئىدى، قارىماققا چېچىنى تېخى يېقىندا ياساتقاندەك قىلاتتى، ئىشقىلىپ قانداقلا قارىسام مېنىڭ ئوي-خىيالىدىمدىكى بىن لادىنغا ئوخشىمايتتى.»
شۇ ۋاقىتتا بىن لادىن بەلكىم ئۆزىنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ھىس قىلغان بولىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئايالىنى ئالدىغا ئېلىپ كىلىپ ئۇنى «قالقان» قىلىۋالدى. بىراق مەن بىن لادىننىڭ ئايالىنىڭ بەدىنىدە بومبا ئورنىتىلغانمۇ-يوق دېگەن مەسىلىنى بىلمەيتتىم، شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھاللا بىن لادىننىڭ بېشىغا قارىتىپ بىر پاي ئوق چىقىرىشىم كىرەكلىكىنى، بولمىسا ئويلىمىغان خەتەرلىك ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىقى بارلىقى ھىس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ناھايىتى تىز قارار چىقىرىپ ئوق چىقاردىم، يەنى نىشانغا قارىتىپ كەينى-كەينىدىن ئىككى پاي ئوق ئۈزدۈم، ئىككىنچى پاي ئوق ئېتىلىپ بولغاندىن كىيىن بىن لادىن يىقىلدى. ئۇ يەردە مىدىرلىماي ياتاتتى، بىر دەمدىن كىيىن ئۇنىڭ تىلى ساڭگىلاپ قالدى، مەن ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر نەپەس ئالغانلىقىنى كۆردۈم.

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئۇنىڭ پىشانىسى قان بىلەن بويالغان ئىدى، ئۇنىڭ پىشانىسىدىكى ئوق تەككەن ئورۇن V خېتى شەكلىدە بولۇپ، مىڭىسىنىڭ قېتىقى ۋە قېنى يۈز قىسمىغا سىرغىپ چۈشكەن ئىدى. مەن شۇ ۋاقىتتا بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى قىلغان ئەڭ ياخشى ئىشىممىدۇ ۋە ياكى ئەڭ يامان ئىشىممىدۇ، دەپ ئويلىدىم. بۇ ۋاقىتتا بىن لادىننىڭ ئايالى قاتتىق يىغلاپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال يېنىمدىن پىلاستىر ئېلىپ ئۇنىڭ ئاغزىغا چاپلاپ قويدۇم ۋە بىر چەتكە ئۆتۈپ ئولتۇرۇشنى بۇيرۇدۇم. تۇيۇقسىز مەن قارىسام ئۆينىڭ بۇلىڭىدا ئىككى ئۈچ ياشلارغا كىرگەن بىر ئوغۇل بالا يىغلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇ بىن لادىننىڭ ئەڭ كىچىك بالىسى بولۇپ، ئۇ قاتتىق يىغلاۋاتاتتى، چىرقىراۋاتاتتى، مەن ئۇ بالىنىڭ بۇنداق ھالىتىنى كۆرۈشنى خالىمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ ئانىسىنىڭ يېنىدا ئەكىلىپ قويدۇم.»
بىن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش پەقەت 15 سىكونت داۋاملاشتى، بىراق شۇ ۋاقىتتىكى جىددىيلىشىش ۋە خەتەرنى مەن مەڭگۈ ئۇنتىيالمايمەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ مەزمۇنى «ئىسكۇۋايىر» (Esquire) ژورنىلىنىڭ 3-ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776