نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 9541 قېتىم كۈرۈلدى
جېنىنى تىكىپ قويۇپ كىنو كۆرىدىغان قىز
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-03 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.sina.com.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

30 سائەتكىچە ئارام ئالماي تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرگەن قىزنىڭ كۆزىگە جىددىي خاراكتېرلىك يىڭناسقۇ چىقىپ دورا بىلەن ساقىيىدىغان چاقا ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەن. بۇ قىز ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان شياۋ چىڭ بولۇپ، ئۆزىنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرىمەن دەپ كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاسلا قالغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى كۆز، بۇرۇن، قۇلاق، كاناي كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، شاڭخەي كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى قاتارلىق داڭلىق دوختۇرخانىلارنىڭ دوختۇرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يىڭناسقۇ چىقىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرىدىغان بىمارلارنىڭ كۆپۈنچىسى كومپيۇتېر ۋە تېلېۋىزورغا زىيادە ئامراق كىشىلەر ئىكەن.
شياۋ چىن دوستلىرىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ‹‹ھاكاۋۇر جاھانكەزدىلەر›› ناملىق 56 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈشكە باشلىغان. بۇ فىلىم توردا ۋە ھەرقايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا تەڭلا قويۇلىدىغان بولغاچقا، ئۇ دوستلىرىغا يېتىشىۋېلىش مەقسىتىدە جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ ئۇدا 30 سائەت ئارام ئالماي 45 قىسىمنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ تۈگەتكەن. ‹‹ بۇ فىلىمنى كۆرگەنسېرى ۋەقەلىرىگە قىزىقىپ تېخىمۇ كۆرگۈم كەلدى. بۇ فىلىمنى دوستلىرىم مەندىن بالدۇر كۆرۈشكە باشلىغان، ئەگەر مەن تېزرەك كۆرمىسەم دوستلىرىم بىلەن فىلىم ۋەقەلىكىنى بىرلىكتە تەھلىل قىلالمايمەن!›› دېدى شياۋ چىن.
شياۋ چىن مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن كۆزى قېچىشىپ ئىششىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇ مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا بىرىپ ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ئېلىپ كۆزىگە تېمىتقان. ئارقىدىن يەنە تېلېۋىزىيە فىلىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ كۆرۈپ 56-قىسىمغىچە تولۇق كۆرۈپ تۈگىتىپ خۇماردىن چىققان. بىراق ئۇنىڭ كۆزى بارغانسېرى ئىششىپ، قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن، ھەتتا كۆزىنى تولۇق ئاچالمىغان. ئامالسىز قالغان شياۋ چىن دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن كۆزىدىكى يىڭناسقۇنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەنلىكىنى بىلگەن.
فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى كۆز، بۇرۇن، قۇلاق، كاناي كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يەننىڭ ئېيتىشىچە، كۆزىگە يىڭناسقۇ چىقىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرىدىغان بىمارلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە بىر ھەپتىدە 30 بىمار مۇشۇ كېسەللىك تۈپەيلى ئوپېراتسىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ياشلار بىلەن بالىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن. يىڭناسقۇ كۆپىنچە تېرىسى مايلىق كىشىلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدىكەن. بەزىدە كۆزنى زىيادە چارچىتىۋەتكەندە يىڭناسقۇ چىقىپ قالىدىكەن. شياۋ چىڭ تىپىك مىسال بولۇپ، ئۇ ئۇدا 30 سائەت دەم ئالماي تېلېۋىزىيە فىلىمى كۆرۈپ كۆزىگە بولغان بېسىمىنى ئاشۇرغان. تېرىدىكى ماي بەز تەنچىلىرى كۆپ مىقداردا ماي ئاجرىتىپ چىقىرىپ كۆز ئەتراپىدىكى نازۇك تېرىگە ئەكس تەسىر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن كۆز ئەتراپى تېرىسىدىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىپ يىڭناسقۇ چىققان. شياۋ چىن كۆزىنىڭ ئاغرىقىغا چىداپ يەنە تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرگەن. شۇ سەۋەبتىن يىڭناسقۇ چىققان ئورۇن ياللۇغلىنىپ ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يۇقىرىقى نورمال بولمىغان تۇرمۇش ئادىتىدىن باشقا يەنە ئۇزۇن مۇددەت يوشۇرۇن كۆزەينەك تاقاپ كومپيۇتېر ياكى تېلېۋىزور كۆرۈشمۇ كۆزنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ يىڭناسقۇ چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يىڭناسقۇ چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە قىزىق تۇخۇم بىلەن يىڭناسقۇ ئورنىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە يىڭناسقۇنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776