نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 3569 قېتىم كۈرۈلدى
تېڭشۈن شىركىتى ئۈندىدارغا قارىتا ھەق ئېلىش پۈتۈنلەي ئۆسەك سۆز دېدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-03 -14
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.cnbeta.com

تېڭشۈن شىركىتى بۈگۈن ئۈندىدارنىڭ ھەقسىز مۇلازىمەت دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى،شۇنداقلا تېڭشۈن شىركىتىنىڭ نۆۋەتتە جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ ئۇچۇر-ئالاقە تىجارەتچىلىرى بىلەن ئۈندىدارنىڭ ھەقلىق مۇلازىمىتى ھەققىدە كېڭەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا تارقالغان خەۋەرگە رەددىيە بېرىپ،< كارخانىچى> ژۇرنىلى ئارقىلىق سىرتقا قارىتا بۇ خەۋەرنىڭ پەقەت پۈتۈنلەي ئۆسەك-سۆز ئىكەنلىكىنى توغرىسىدا ئېنىق جاۋاب بەرگەن.تېخى يېقىندىلا ئاياغلاشقان < ئىككى يىغىن> دا،جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ باش لىدىرى-شى گو خۇا OTT كەسپىنىڭ ( OTT بولسا Over The Top نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى بولۇپ،بۇنىڭ مەنىسى ئاساسەن توردىكى كەسىپلەر دېگەنلىك بولىدۇ،مەسىلەن،Skype、Netflix ،QQ شۇنداقلا قوللىنىش ئەپلىرى دۇكانلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ-تەھرىردىن) جۇڭگودىكى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش،بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شۇنداقلا تېلىگراف شىركىتى قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئۇچۇر-ئالاقە سودىگەرلىرىگە نىسبەتەن ھەم پۇرسەت ھەم خىرىس دەپ كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى.ئۈندىدارنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتكە ئايلىنىشىغا قارىتا بۇ خەۋەرگە نىسبەتەن،تېڭشۈن شىركىتى تەرەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ،بۇ پۈتۈنلەي ئۆسەك-سۆز دېدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776