نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 3825 قېتىم كۈرۈلدى
ئۈرۈمچى يېڭى بېييۈەنچۇن بازىرى قىبلىتاغقا كۆچۈرۈلىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-03 -14
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : uy.ts.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

تۈنۈگۈن (13-مارت)، ئۈرۈمچى سايباغ رايونى قىبلىتاغ مۇشۇگو شىمالىي يولى 2990-نومۇرغا جايلاشقان ، ئۈرۈمچى-كۈيتۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بىلەن ياندىشىپ تۇرىدىغان ‹‹ شىنجاڭ جيۇدىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش سودا بازىرى›› سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىدى . ئەسلىدە يېڭى بېييۈەنچۇن بازىرىدا كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى توپ تارقىتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 1-دەرىجىلىك توپ تارقىتىش سودىگەرلىرى ئەمدىلىكتە بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدى .
بۇنىڭدىن ئۈچ-تۆت يىل بۇرۇن ، ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋە بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان شاۋقۇن-سۈرەننى ئازايتىش مەقسىتىدە تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى ئوبوروت بازارلىرىنى شەھەر رايونىدىن كۆچۈرۈشنى پىلانلىغان ۋە ئىجرا قىلىشنى باشلىغان . بىڭتۈەن ، 12-شى ، بىڭتۈەنگە ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە جەمئىيەتتىكى پايچېكلار ئورتاق مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان ، 1600 مو كۆلەمنى ئىگىلىگەن ‹‹ شىنجاڭ جيۇدىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش سودا بازىرى ›› نىڭ كۆلىمى يېڭى بېييۈەنچۇن بازىرىدىن 280 مو ئارتۇق بولۇپ ، بۇ جايغا 2000 دىن ئارتۇق دۇكان ۋە يايما ئورنى سىغىدىكەن .

تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، يېڭى بېييۈەنچۈن بازىرى كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ جايغا كونا بېييۈەنچۇن بازىرىدىكى 2-دەرىجىلىك توپ تارقىتىش سودىگەرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن .

ئىگىلىنىشىچە ، ‹‹جيۇدىڭ ›› دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش سودا بازىرى قۇرۇلۇشى ئۈچ قارارغا بۆلۈنگەن بولۇپ ، جەمئىي 3 مىليارد 200 مىليون مەبلەغ سېلىنغان. نۆۋەتتە تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن مېۋە-چېۋە رايونى، كۆكتات رايونى، ئاشلىق-ماي ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر رايونى 1-قارارلىق قۇرۇلۇشقا تەۋە ئىكەن؛ 2-، 3 -قارارلىق قۇرۇلۇش بولسا توڭلىتىپ يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى، تۇرمۇش رايونى، يېمەك-ئىچمەك كوچىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا رايونى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776