نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 5475 قېتىم كۈرۈلدى
گۇگېل ئاندىرويىد كەسپى ئاساسىدا قايتىدىن تەڭشەش ئىلىپ باردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-03 -14
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : tech.qq.com

چەتئەل تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، گۇگېل شىركىتىنىڭCEO  سى لارى پېيچ بۈگۈن شىركەتنى قايتىدىن تەڭشەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ 2011-يىلى گۇگېل شىركىتىنى قولغا ئالغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك تەڭشەش ھەركىتى ئىكەن.
مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، Chrome تور كۆرگۈچىسى ۋە ئەپ تۈرى مەسئۇلى Sundar Pichai بۇندىن كىيىن ئاندىرويىد سىستېمىسىغا مەسئۇل بولىدىكەن، ئەسلىدىكى ئاندىرويىد كەسپى مەسئۇلى Andy Rubin بولسا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىلىدىكەن، قايتا تەڭشەش ئىلىپ بىرىلغاندىن كىيىن،Sundar Pichai شىركەتنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى ئېچىشقا ئالاقىدار بارلىق خىزمەتلىرىنى ئۆز زىممىسىگە ئالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدەChromeOS ۋە ئاندىرويىد سىستېمىسى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.
ئىككى يىل بۇرۇن، پېيچ رەھبەرلىكىدىكى گۇگېل شىركىتى تۈر مەسئۇللىرى ئۆز ئالدىغا بىر قاتار مەھسۇلاتلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغانىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز خىزمىتىنى بىۋاستە ھالدا ئۇنىڭغا دوكلات قىلاتتى. ئەينى ۋاقىتتا، ئاندىرويىد تۈرىنى مەخسۇس بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىشلەيتتى. Chrome تور كۆرگۈچىسى ۋە گۇگېل ئەپلىرى قاتارلىقلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا خىزمەت گۇرۇپپىسى بار ئىدى، تاكى بۇلتۇرغا كەلگۈچە، ئاندىرويىد سىستېمىسى Chrome نى ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ئاندىرويىد تور كۆرگۈچىسىنى ئىشلىتىپ كەلگەن.
بىراق، يىقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، گۇگېل شىركىتى بۇ خىل ئۆز-ئارا مۇستەقىل بولغان كەسپ قۇرۇلمىسى ۋە باشقۇرۇش ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە باشلىدى، مەسىلەن، ئۇ ئەپ، ئېلكىتاب ۋە مۇزىكا قاتارلىق بىر نەچچە تۈرلۈك سىفىرلىق تور دۇكانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، Google Play دەپ بىرلا نام بەردى.
گۇگېلنىڭ بۇ خىل قايتىدىن تەڭشەش پىلانى ھەرگىزمۇ خالىغانچە ئىلىپ بىرىلغان قۇرۇلما ئۆزگەرتىش ئەمەس، ئۇ بىزگە گۇگېل شىركىتى كۆچمە ئۈسكىنىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئەڭ چوڭ ۋە ئاساسلىق قىممەتنىڭ دەل ئاندىرويىد سىستېمىسىدىكى ئەپلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776