نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 7757 قېتىم كۈرۈلدى
دۇنيادىكى 10 چوڭ دىن ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-03 -11
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.timeturk.com

10- شىنتو دىنى: 4 مىليۇن ئىتىقاد قىلغۇچىسى بار ئىكەن. ياپۇنيەنىڭ يەرلىك دىنى بۇلۇپ. بۇرۇن ياپۇنيەنىڭ رەسمى دۆلەت دىنى ئىكەن. بۇ دىننىڭ بەرپا قىلغۇچىسى ئېنىق ئەمەس. شىنتو دىنى باشقا ھەرقانداق دىنغا قارشى ئەمەس ئىكەن.
 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn


9-جائىنىزىم (jainism) دىنى: 4.2 مىليون ئېتىقاد قىلغۇچىسى بولۇپ ھازىر ھىندىستان، ئامېرىكا، غەربى ياۋروپا ۋە ئافرىقىغا تارقالغان ئىكەن. ئاسىيادا مەيدانغا كەلگەن دىن ۋە پەلسەپە ئىكەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 500 -يىللاردا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ قۇرغۇچىسى Mahavir دۇر. ئۆزىنىڭ مۇقەددەس دەپ قارايدىغان كىتابى بولۇپ ئىسمى “Ain Agamaları Sidantalar” ئىكەن. بۇ دىندا پۈتۈن جانلىقلارنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى ۋە زۇلۇمغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

-كوڭزى دىنى: 6.4 مىليون ئېتىقادچىسىغا ئىگە بولۇپ، بۇ كونا جۇڭگو ئەخلاقى ۋە پەلسەپە سىستېمىسى بولۇپ، دەسلەپتە دانىشمەن كۇڭزىنىڭ ئۆگەتكەنلىرىدىن باشلاپ تەرەققىي قىلغان. كۇڭزىچىلىق، ئەخلاق، جەمئىيەت، سىياسەت، پەلسەپە، قاتارلىقلاردا دىنى پىكىرلەردىن تەركىب تاپقان مۇرەككەپ بىر سىستېمىغا ئىگە بولۇپ شەرقى ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخىدا چوڭقۇر تەسىرى بار. كۇڭزىچىلىق يېڭى بىر دىن بەرپا قىلمىغان. جۇڭگونىڭ كونا دىنى چۈشەنچىسىنى يورۇتۇشقا تىرىشقان. كۇڭزىچىلىق جۇڭگودا ئالىملار، يازغۇچىلار، مەمۇرلار، شاھزادىلەر ۋە ئىمپېراتورلار ئائىلىسى تەرىپىدىن دىن دەپ قوبۇل قىلىنغان. 1912- يىللارغا قەدەر دۆلەت دىنى قىلىپ قوبۇل قىلىنغان. ھازىر جۇڭگودا بۇددادىنى، تاۋىزىم بىلەن بىرلىكتە رەسمىي بىر دىن بولۇپ قالغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

7- باھايى دىنى: 7 مىليونغا يېقىن ئېتىقادچىسى بولۇپ. 19- ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇرىتلىرى بار ئىكەن. باھائى دىنىنىڭ تارىخى: 1844- يىلدا يېڭى بىر دەۋرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى يېڭى بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان باھائى دىنىنىڭ قۇرغۇچىسى باھاۋۇل بولۇپ، رەسمىي ئىسمى باب ئىكەن. ئۆزىنى پۈتۈن مۇسۇلمان ئالىمىنىڭ كۈتۈۋاتقان كىشىسى بولغان «مەھدى» دەپ ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن دىنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، بەزى يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، ئىراندا قارشىلىققا ئۇچرىغان. ھەمدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ رەھبىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا مىرزا ھۈسەيىن ئېلى رەھبەرلىك قىلغان. باھائى دىنىدا دۇئا، ناماز، روزىغا ئوخشاش قائىدىلەر بار. ناماز يالغۇز ئوقۇلىدىكەن. جامائەت بىلەن توپلىنىپ ناماز ئوقۇش يوق ئىكەن. ھەر يىلى 2 مارتتىن 21- مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا، روزا تۇتىدىكەن. باھائى دىنى دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەردە رەسمىي دىن دەپ تونۇلغان بولسىمۇ بەزى جايلاردا تونۇلمىغان. ئىراندا باھائىلەر ئىجتىمائىي خىزمەت قىلمايدىكەن ۋە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇمايدىكەن.
 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776