نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 7441 قېتىم كۈرۈلدى
14 ياشلىق بىر قىز تانسا زالىغا خاتا كىرىپ قېلىپ 40 ياشلىق ئەرنىڭ زورلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-03 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

2-ئاينىڭ 24-كۈنى شىياۋمىن ئىسىملىك قىز مۇخبىرلارغا ئۆزىنى چۈشەندۈرۈپ، مېنىڭ يۇرتۇم خېيلۇڭجىياڭنىڭ مۇدەنجىياڭ شەھىرىدە، ئوغۇل دوستۇم جىلىنلىق، بىز باھار بايرىمىنىڭ ئالتىنچى كۈنى بىرىنچى قېتىم شېنياڭغا بىللى كەلدۇق. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، مىنىڭ ئوغۇل دوستۇم ئۇنىڭ يېقىن تۇققىنى يەنى نەۋرە ئاكىسى بىلەن خىزمەت ئىزدىگىلى چىقىپ كەتكەن. چۈشتىن ئاشقاندا، ئۆيدە ئۈزەم يالغۇز ئولتۇرۇپ زىرىكىپ ئايلىنىپ كىرىش ۋە ئوغۇل دوستۇمنىڭ يېقىندا خىزمەت ئىزلەپ ئالدىراش بۇلۇپ كەتكەنلىكتىن چىشى ئاغىرىپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالغاچىقا چىش دوختۇرخانىسى ئىزدەش ئۈچۈن سىرتقا چىققان ئىدىم، شەرىقىي كوچىغا كەلگەندە بىر ئانچە چوڭ ئەمەس تانسا زالىنى كۆرۈپ ئىچىگە كىردىم دېگەن.


ئۇ يەنە مەن بىر يېزىدىن كەلگەن، بۇنداق جايلارنى پەقەت تېلۋۇزۇردا كۆرۈپ باققان بولغاچقا قىزىقىپتىمەن دەپ ئۆزىنىڭ ئازاپلىق كەچۈرمىشىنى مۇخبىرغا دەپ بەرگەن.

شىياۋمىننىڭ قورقۇنۇچلۇق چۈشى بولسا بۇ تاڭسا زالىدىن باشلانغان. شىياۋمىن ئەسلەپ " بىر 40 ياشلىق ئەر ماڭا دوس بۇلۇپ قالغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ كىلىپلا مىنى قۇچاقلاپ تاڭسا ئوينىدى. دەسلەپتە مەن تۇنۇمايدىغان جايدا دوستى بۇلۇش يامان ئىش ئەمەستۇ دەپ ئويلۇدۇم، ئاندىن مىنى تاماق يىيىشكە تەكلىپ قىلدى، مەن رەت قىلىشقا خىجىل بۇلدۇم دېگەن.

ئۇسۇل زالىدىن چىقىپ كىتىۋاتقاندا، شىياۋمىن يېنىدىكى بۇ " دوستى " نىڭ ئىگىزلىكىنىڭ 1.70 مىتىر كېلىدىغانلىقىنى، پادىچى ئىشتان كىيىۋالغانلىقىنى قىزىل قىرلىق تەنتەربىيە ئايىقى كىيىۋالغانلىقىنى كۆرگەن. 10 مىنۇت ماڭغاندىن كېيىن ئۇلار بىر ماشىنا تۇسۇپ ماشىنىغا چىققان. ئۇلار شىياڭجىياڭ كەنىتى ئەتراپىغا كەلگەندە ماشىندىن چۈشكەن بۇلۇپ كىرا پۇلى 9 يۈەن چىققان. شىياۋمىننىڭ ئىسىدە قېلىشىچە ئۇ بىر كونا رايۇن بۇلۇپ، نەچىنچى قەۋەت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان.

ئۇ ئەر شىياۋمىنغا بىز ئاشخانىغا بارمايلى، مېنىڭ ئۆيۈمدە ھەممە نەرسە بار بۇيرۇتساقلا بۇلىدۇ دېگەن. شىياۋمىن ئازراق ئىككىلەنگەندىن كېيىن ئۇ ئەر بىلەن بىللە بىناغا چىققان ئىكەن.

بۇ بىر ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بۇلۇپ، ئۇ ئەر شىياۋمىننى بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ دەپ قۇيۇپ، پەسكە سەي ۋە تاماق سېتىۋالغىلى چۈشۈپ كەتكەن. ئۇ ئەر قايتىپ كىرگەندە خاسىڭ ۋە بىر قۇتتا پىۋا ئېلىپ كىرگەن، ھىچنىمە دېمىگەن، پەقەت يەپ ئىچكەن. ئىككى مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ بىر پوتۇلكا پىۋىنىڭ ھەممىسىنى ئىچىپ بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ شىياۋمىننىڭ چېچىدىن تۇتۇپ تامغا ئۈستۈرۈپ، ئۇنىڭ كىيىمىنى يىرتىشقا باشلىغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ قىزغا زورلۇق قىلغان. شىياۋمىننىڭ بېشىدىن ئاققان قان كۆزىنى تۇسىۋالغان بۇلۇپ، ئۇ بۇ ئىشلارنى ئازاپلانغان ھالدا ئويلاپ، ئۇ ئەر توختىماي " مىنىڭ ئوغۇلۇم مىنى قەسلەپ مۇشۇنداق قىلىپ قويدى " دەپ مىنى خالىغانچە قىينىدى دېگەن .

ئۇ ئەر شىياۋمىنغا بىر ئاخشام ھەمراھ بولغان بۇلۇپ، شىياۋمىن ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەن، شىياۋمىن ئەرگە ئۇغۇل دوستىنىڭ ئۆيدە ئۆزىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى قايتمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن ئۇ ئەر شىياۋمىننىڭ گېپىنى ئاڭلا ئاڭلىمايلا بىر پىچاقنى چىقىرىپ شىياۋمىننىڭ بېلىكىنى كېسىۋەتكەن. ئاندىن تازلىق ئۆيىگە ئەكىرىپ سوغۇق سۇ بىلەن شىياۋمىننىڭ بەدىندىكى قاننى يۇيغان. ئاندىن شىياۋمىننى دېرىزىنىڭ قېشىغا سۆرەپ ئاپىرىپ بىر تەرەپتىن شىياۋمىننى ئۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن تېلفۇن قىلغان.

ئۇ ئەر " ئۈچۈنچى ئاكا " غا تېلفۇن قىلىپ، ئۇ كەلگەندىن كېيىن " ئۈچۈنچى ئاكا " غا تىزلىنىپ، يىغلاپ تۇرۇپ دېلو مەلۇم قىلماسلىقنى يالۋۇرغان ھەم 10 مىڭ يۈەننى " ئۈچۈنچى ئاكىغا " بىرىپ ئۇنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈتۈنگەن. ئۇ ئۆزى 10 مىڭ يۈەننى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن.

" ئۈچۈنچى ئاكا " توختىماي شىيامىنغا يالۋۇرۇپ " ئۇ ئادەم ئەمەس، ئۇ تۇرمىدە ئىككى يىل تۇرغان، سىز دېلو مەلۇم قىلماڭ، سىزدىن ئۈتۈنۈپ قالاي دېگەن. شۇنىڭ بىلەن شىياۋمىن ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىتىشىدىن قورقۇپ ماقۇل دېگەن. "ئۈچۈنچى ئاكا " بىر تال كىيىم بىلەن شىياۋمىننىڭ بېشىنى بۈركەپ، بىنادىن ئېلىپ چىقىپ مىڭ تەسلىكتە ماشىنىغا چىققان، كىرا ھەققى 19 يۈەن بولغان چاغدا ئۇلار شىياۋمىننى تاشلىۋىتىپ قېچىپ كەتكەن.

شىياۋمىننىڭ ئوغۇل دوستى ئۇنى نۇرغۇن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان لېكىن نۇرغۇن دوختۇرخانىدىكىلەر شىياۋمىنىڭ قولىنى ئوپىراتسىيە قىلىشقا ئۇنىمىغان، ئۇلار پەقەت ئادەتتىكى داۋالاشنى ئېلىپ بارغان. شىياۋمىن ۋە ئوغۇل دوستى بۇ ئىشلارنى ئازاپلىق ھالدا مۇخبىرغا بىرمۇ بىر بايان قىلىپ بەرگەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776