نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 10331 قېتىم كۈرۈلدى
قىز دوستىدىن پۇل ئارىيەت ئالالماي، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن ئەر
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-02 -08
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

كېچىلىك بەزمىخانىدا ئىشلەيدىغان قىز

جىڭچۇ تورى 7 – فېۋرال خەۋىرى: تۈنۈگۈن، شيەنتياۋ ساقچى تەرەپ بىر نامسىز جەسەت كۆيدۈرۈش دېلوسىنى پاش قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇلتۇر 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، بىر يول ياساش ئىشچىسى شيەنتياۋ شەھىرى يۈەنپەي تاشيولى بويىدا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بىر ئايالنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ باھالىشىغا قارىغاندا، ئۆلگۈچى 20 ياش چامىسىدا بولۇپ، تەخمىنەن يېرىم ئاي بۇرۇن ئۆلگەن، باشقىلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بىراق ئۆلگۈچىنىڭ سالاھىيىتى ئىزچىل ئېنىقلانمىغان ئىدى.

ساقچى تەرەپ ۋەقە يۈز بەرگەن جاي ئەتراپىدىكى نازارەت سىن لېنتىلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق، بىر قىزىل رەڭلىك ئېلانترا ماشىنىنى گۇمانلىق نوقتا قىلىپ بېكىتتى. كېيىن، ساقچىلار ۋۇخەن شەھەرلىك جياڭئەن رايونىدىكى بىر تاكسى شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ماشىنىنىڭ دېرىكىنى ئالدى، ھەمدە شۇ ماشىنىنى ئىجارىگە ئالغان كىشى، شيەنتياۋ شەھىرى شىۋەن كەنتىدىكى چېڭموۋنى جىنايەت گۇماندارى قىلىپ بېكىتتى.

بۇرناكۈن سائەت 18 ئەتراپىدا، چېڭموۋ ماگاڭ كوچىسىدىكى بىر تاللا بازىرىدا نەرسە كېرەك ئېلىۋاتقاندا قولغا ئېلىندى. ئۇ تورغا چۈشكەندىن كېيىن، دېلو سادىر قىلىش جەريانىنى ئىقرار قىلدى.

بۇلتۇر يىل بېشىدا، چېڭموۋ ۋۇخەن شەھىرى جياڭئەن رايونى تەيبېي يولىدىكى بىر جايدا زەھەر ئەتكەس قىلىشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان، شۇ مەزگىلدە، كېچىلىك بەزمىخانىدا ئىشلەيدىغان ۋاڭموۋ ئىسىملىك قىز بىلەن تونۇشۇپ قالغان، كېيىن بۇ ئىككىسى ئاشىق مەشۇقلاردىن بولۇشقان. بۇلتۇر 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى كەچتە، چېڭموۋ زەھەر ئېلىپ سېتىش جەريانىدا 5000 يۈەن قەرز بولۇپ قالغان، ئۇ قەرز سۈيلىگۈچى بىلەن بىللە ۋۇخەن شەھىرى جياڭخەن رايونىدىكى ئىجارە ئالغان ئۆيىگە كېلىپ، ۋاڭموۋنى تېپىپ ئۇنىڭدىن پۇل سورىغان. بىراق نەتىجىسى بولمىغان، چېڭموۋ ۋاڭموۋنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. دېلو سادىر بولغاندىن كېيىن، چېڭموۋ قورقۇپ كېتىپ ۋاڭموۋنىڭ جەسىتىنى تاكسىغا سېلىپ، بىر يەرگە ئېلىپ بېرىپ ئاندىن جەسەتنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776