نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 5725 قېتىم كۈرۈلدى
ۋېنگېر: يانۋاردا توپچى ۋالكوتنى ساتمايمىز
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -21
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.c

 

Www.AnAdiyar.Cn 

ۋاڭيى تەنتەربىيىسى 21-دېكابىر خەۋىرى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ئارسېنال كۇلۇبى يېقىندا، بىرلا ۋاقىتتا ۋىلشىر قاتارلىق بەش ئەنگىلىيىلىك توپچى بىلەن داۋاملىق توختاملاشقانلىقىنى جاكارلىغان، داۋاملىق توختاملاشمىغاندىن پەقەت ۋالكوتلا قالغان، ۋېنگېر مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن: مەن يانۋاردا ئېنگىلاند دۆلەتلىك كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى بولغان ۋالكوتنى ھەرگىز ساتمايمەن.
ئىگىلىنىشچە، ۋالكوتنىڭ داۋاملىق توختاملاشمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئارسېنال كۇلۇبى ۋالكوت تەلەپ قىلغان ھەپتىلىك مائاشنى بېرىشنى خالىمىغان.
شۇڭا چېلسى، لىۋېرپول ھەتتا مانچېستىر شەھىرى، مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىلىرى ئۇنى قوشۇۋالماقچى.
ئارسېنال كۇلۇبى 2006-يىلى بەش مىليون خەجلەپ ۋالكوتنى سېتىۋالغان ئىدى، ئالتە يىللىق تەربىيىلەش ئارقىلىق، ئارسېنال ئۈچۈن 238 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋالكوت ئىقتىدارلىق ھۇجۇمچىغا ئايلانغان، ۋېنگېر مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مەن ياش ماھىرلارنى قالدۇرۇپ قېلىش مۇھىم دەپ قارايمەن. ۋالكوت كۇلۇبنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىگە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك، ئۇ 30 ياشتىن ئاشقان توپچىلارغا ئوخشىمايدۇ، فابرىگاسقا تېخىمۇ ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئەنگىلىيە ئۇنىڭ ۋەتىنى ھېسابلىنىدۇ.
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776