نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1138 قېتىم كۈرۈلدى
لىۋېرپول كۇلۇبى تۈركىيەلىك ماھىر ئىمىن ئالتۇناينى قوشۇۋالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -06
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : hawar.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى مانچېستېر شەھەر ، چېلسى قاتارلىق كۇلۇبلار ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سېلىۋاتقان مۇشۇ ۋەزىيەتتە مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبى بىلەن لىۋېرپول كۇلۇبى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن سودا ئىلىپ باردى، داڭلىق كۇلۇبى ھېسابلىنىپ كېلىۋاتقان لىۋېرپول كوماندىسى تېخىمۇ مۇشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. كۇلۇبقا مەبلەغ سالمىسا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، ياخشى نەتىجە بولمىسا توپ مەستانىلىرىنى جەلپ قىلالمايدۇ..... لىۋېرپول توپ مەستانىلىرى كۇلۇب خوجايىنى جونسون ھېنرىدىن كوماندا بىلەن كارى بولمىدى- دەپ ئاغرىنىپ كەلدى، ھەم ئۇنىڭدىن كوماندىغا كۆپرەك مەبلەغ سېلىشنى ئۈمىد قىلدى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قولىدىكى يەنە بىر ئىگىلىكى بولغان بوستون قىزىل پايپاق كوماندىسىنى سېتىۋېتىپ، لىۋېرپول كوماندىسىنى قۇتقۇزۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ پەقەتلا بىر گۈزەل ئارزۇ بولۇپ قالدى.
‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››دا، جونسون ھېنرى ئىلكىدىكى بۇ قىزىل پايپاق كوماندىسىنى قولدىن چىقارمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكا تارقاتقۇچىلىرى بۇ كوماندىنى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغانىدى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ پەرەز ئىنكار قىلىندى. جونسون ھېنرى بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ : «بۇ كوماندا ھەمدە فېنۋاي تەنتەربىيە قاتارلىق ئىگىلىكىدىكى بارلىق سانائەتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سېتىلمايدۇ. بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھېچقانداق دەلىلى يوق ›› دېدى.
لىۋېرپول كوماندىسى مانچېستېر شەھەر ، چېلسى قاتارلىق كۇلۇبلارغا ئوخشاش كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك سودىنى قىلمىسىمۇ لېكىن كونا ئاقسۆڭەك كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنىلا جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ تۇردى. ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› دا ئاشكارىلىنىشىچە، لىۋېرپول كۇلۇبى يېقىندا تۈركىيىلىك ياش ماھىر ئىمىن ئالتۇناي بىلەن توختام ئىمزالىغان. بۇ يىل ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن بۇ ياش ماھىر ئوتتۇرا مەيدان پۇتبولچىسى بولۇپ، تېخنىكىسى ناھايىتى ياخشى، لىۋېرپول ياشلار كوماندىدا مەشىق قىلىش جەريانىدا، ئىقتىدارىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېرىنىرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يىڭى توختامغا ئېرىشتى. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : ‹‹ مەن تۆت يېشىمدىن باشلاپ توپ تېپىشكە باشلىغان، مەن ھەر ۋاقىت توپ ئويناشنى ئويلايمەن. كۆپچىلىكنىڭ ماڭا بۇ پۇرسەتنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت، مەن چوقۇم كۆپچىلىكنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيمەن›› دېدى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776