نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> فىلىم خەۋەرلىرى >> يازما كۈرۈش >> 192 قېتىم كۈرۈلدى
«كورتلار ۋادىسى» فىلىمىدىكى ئىسكەندەر بۈيۈك زادى كىم
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -24
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

كورتلار ۋادىسى پۇسۇ» فىلىمىدە ئىسكەندەر بۈيۈكنىڭ رولىنى ئالغان داڭلىق ئارتىس مۇسا.ئۇزۇن 1959-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئانتالىيادا تۇغۇلغان. ئۇ 1985-يىلى مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت تىياتىرى ئىنستىتۇتىنىڭ تىياتىر فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كىنو-فىلىملەردە رول ئېلىشنى باشلىغان. ئۇ بۇرسا، ئىستانبۇل، ئەنقەرە قاتارلىق جايلاردىكى دۆلەت تىياتىر ئۆمىكىدە ئارتىس ۋە رېژىسسور بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ يەنە بۇرسا، دىيارباكىر، ئىستانبۇل، ئىزمىت، ئەسكى شەھەر ئانادولۇ تىياتىر ئۆمىكىدە، ئابدۇللاھ شاھنىڭ نۇقتا تىياتىرخانىسىدا، ماكېدونىيە ئۈسكۈپ خەلق تىياتىر ئۆمىكىدە، بۇلغارىيە رۇسچۇك دۆلەت تىياتىر ئۆمىكىدە قاتارلىق داڭلىق تىياتىر ئۆمەكلىرىدە رېژىسسورلۇق قىلدى. نۇرغۇنلىغان داڭلىق كىنو-فىلىملەردە رول ئالدى. «ھۈزۈن مەھەللىسى ئاپتوبۇسى»، «تاشپاقىنىڭ مومىسى» دېگەن ئىككى تىياتىرنى يازدى. بۇ ئىككى تىياتىر دۆلەت تىياتىر ئۆمىكىدە سەھنىلەشتۈرۈلدى.
كۆپ ئىقتىدارلىق ئارتىس مۇسا.ئۇزۇن يەنە ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ فاكۇلتېتى، ئەسكى شەھەر ئانادولۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۆلەت تىياتىرى فاكۇلتېتى، مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەھنە ۋە كۆرۈنۈش لايىھىلەش ۋە دۆلەت تىياتىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. ئۇ ھازىرمۇ ھالەن ھالىچ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە يەتتە تەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە ئاۋاز بېرىش ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.
ئۇ رول ئالغان فىلىملەر «كورتلار ۋادىسى پۇسۇ» بۇ فىلىمدە ئىسكەندەر بۈيۈكنىڭ رولىنى ئالغان ، «فاتماگۈلنىڭ گۇناھى نېمە؟» بۇ فىلىمدە بولسا رىشات.ياشاراننىڭ رولىنى ئالغان. «كورتلار ۋادىسى گىلادىيو» فىلىمىدە بولسا يەنە ئىسكەندەر بۈيۈكنىڭ رولىنى ئالغان. ئۇ نۇرغۇنلىغان تىياتىرلاردا رول ئالغان بولۇپ، بۇ تىياتىرلارنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندە تۈركچە بېرىلدى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش