نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 312 قېتىم كۈرۈلدى
ھوللىۋوتتىكى «ھىجران داغ» لىرى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -24
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

مايكول جېكسون & جىننى جېكسون
«كۆپچىلىككە رەھمەت! ھەممىمىز ئۇ بەك سېغىندۇق.» ــــ جىننى جېكسون
ئۆلگۈچى: مايكول جېكسون (1958-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋاپات بولغان)
ھىجراندا قالغۇچى: جىننى جېكسون (1966-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان)
مايكول جېكسون مۇنداق دېگەنىدى: «مەن ۋە قېرىنداشلىرىمنىڭ بالىلىق مەزگىللىرى بولمىغان، مەن ئاتا-ئانامدىن نەپرەتلىنىمەن» شۇڭا مايكول بىلەن جىننى ئاكا-سىڭىل ئىككەيلەن ھەممە يەرگە قاتراپ ئويۇن قويۇش داۋامىدا چوڭ بولغان، بۇ ئۇلارنى ئۆمۈر بويى ئېچىندۇرغان، ئەمما بۇ جەرياندا ئۇلاردىكى قېرىنداشلىق مېھرى تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان.

Www.AnAdiyar.Cn

ۋىتنىي ھيۇستون & بوببي بروۋىن
«ھيۇستوننىڭ ئۆلۈمىگە قاتنىشالمىغانلىقىمدىن ناھايىتى ئېچىدىم.» ـــ بوببي بروۋىن
ئۆلگۈچى: ۋىتنىي ھيۇستون (1963-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋاپات بولغان)
ھىجراندا قالغۇچى: بوببي بروۋىن (1969-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان)
كونىلار «ياماننىڭ ئوتى يامان» دەپتىكەن، ئاياللار شۇنداق يامان، ئەسكى ئەرلەرنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ، بۇنى ھيۇستوننىڭ كەچۈرمىشلىرى ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇنىڭ قارا تەنلىك ناخشىچى بوببىي بروۋىنغا يولۇقىشى، مۆجىزە بىلەن مۆجىزىنىڭ ئۇچرىشىش دېيىشكە بولىدۇ.

Www.AnAdiyar.Cn

يوھان لېننون & يوكو ئونو
ئۆلگۈچى: يوھان لېننون (1940-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1980-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋاپات بولغان)
ھىجران ئازابى تارتقۇچى: يوكو ئونو (1933-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى)
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياپونىيەلىك ئەۋلادىدىن بولغان سەنئەتچى يوكو ئونو ياپونىيە سەنئەت ساھەسىدە يۇلتۇزدەك چاقناشقا باشلىغانىدى. 1964-يىلى ئۇ «پارچە» ناملىق ئەسىرى بىلەن تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈپ كەتكەن؛ ھالبۇكى يوھان لېننون ئالدىنقى ئايالى بىلەن بولغان توختام سۇدەك نىكاھىنى مەجبۇرىي ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانىدى.......
 

Www.AnAdiyar.Cn

سيلۋېس ستالون & سائاتچ ستالون
«ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن بالىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئارتۇق ئازاب بولمىسا كېرەك، مەن ھاياتىمنىڭ قالغان قىسمىنى مۇشۇنداق ئازاب ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم.» ــــ سيلۋېس ستالون
ئۆلگۈچى: سائاتچ ستالون (1976-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋاپات بولغان)
ھىجراندا قالغۇچى: سيلۋېس ستالون (1946-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلغان)
ئەگەر ترويۋاتا جەمەتىنى كىشىلەرگە ھەقىقىي «ئاتا-بالىلىق مېھىر-مۇھەببەت» نى نامايان قىلدى دېسەك، ئۇنداق ستالون ئاتا-بالىنى دەل ئەكسىچە تەسۋىرلەشكە بولىدۇ. ھەرىكەتلىك فىلىملەردە باش رول ئېلىپ كېلىۋاتقان داڭلىق چولپان ستالوننىڭ بىرىنچى ئايالى بىلەن نىكاھىنى نېسبەتەن مۇستەھكەم دېيىشكە بولاتتى، ئۇلار 11 يىل ئۆي تۇتقان بولۇپ، ئايالى ئۇنىڭغا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەن. ئەپسۇس، سېرجىئو ئۈچ ياش ۋاقتىدا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئىككەيلەننىڭ نىكاھىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 1985-يىلى ئاجرىشىپ كەتكەن.

Www.AnAdiyar.Cn

لى شاۋلۇڭ & لى گوخاۋ
«ئىككى ياش ۋاقتىمدىن تارتىپلا دادام ماڭا گۇمپا ئۆگەتكەن، ئۇ مېنىڭ قەلبىمدىكى قەھرىمان.» ــــ لى گوخاۋ
ئۆلگۈچى: لى گوخاۋ (1965-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1993-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋاپات بولغان)
ئۆلگۈچى: لى شاۋلۇڭ (1940-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1973-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋاپات بولغان)
ئىشىنىمىزكى، ھەريىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى كۈرمىڭلىغان ھەرىكەتلىك فىلىم مەستانىلىرى ناھايىتى ئۆكۈنىدىغان كۈن، چۈنكى بۇ كۈندە ئۇلار مەستانە بولغان لى شاۋلۇڭ ۋاپات بولغان......تۆۋەندە بۇ ئاتا-بالا گۇمپىچىلارنىڭ مۆجىزىلىك شۇنداقلا پاجىئەلىك قىسقىغىنا ھاياتىغا نەزەر سالايلى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش