نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 110 قېتىم كۈرۈلدى
گۈزەل چولپان ناتالىي يېڭىچە چاچ پاسونى بىلەن پائالىيەتكە قاتناشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -24
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ناتالىي يولدىشى ۋە دوستى بىلەن بىرگە



ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»خەۋىرى، شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ھوللىېۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى ناتالىي پوتمان ئىنتايىن ئېسىل ياسىنىپ يولدىشى بېنجامىن مىللېپايىد ئۇيۇشتۇرغان لوس ئانژېلېس ئۇسسۇل ئۆمىكى دېسنى مۇزىكا زالىدا قويغان تۇنجى مەيدان ئويۇنىغا قاتناشتى.

شۇ كۈنى، ناتالىي بىر قۇر ئاق كۆڭلەك كىيىپ مەلىكىلەردەك ياسىنىپ قىزىل گىلەم ئۈستىدە پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ چاچ پاسونىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم .ئاممىۋى سورۇندا پەيدا بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. 1994-يىلى ناتالىي يېڭى فىلىمدە رول ئالغاندا قوڭۇر رەڭلىك چېچى ئاساسلىق چاچ پاسونى بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم ئۇ ئىلگىرىكى چاچ پاسونى ۋە چاچ رەڭگىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ يېڭىچە قىياپەت بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقان. ئىگىلىنىشىچە ئۇ يەنە بىر يېڭى فىلىمدە رول ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋېتىپتۇ. ناتالىي زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ:«چاچ پاسونىمنى ئۆزگەرتكىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. ئاپام باشقىچە ئادەم بولۇپ قاپسەن دېدى»دېدى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇنىڭ بۇ يېڭى چاچ پاسونىنى لوس ئانژىلىستىكى داڭلىق چاچ ياساش ئۇستىسى تىراكىي كاننىڭخام مەخسۇس ئۇنىڭ ئۈچۈن لايىھىلىگەن ئىكەن.

ناتالىي پوتماننىڭ يېقىن دوستى روبېرت پاتېنسون بىلەن دىياتتا ۋون تېسسېمۇ بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقان . شۇ كۈنى پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، يېقىندا لايىقىنىڭ سەتچىلىكى تۈپەيلى ئازابلانغان روبېرت پاتېنسونمۇ ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا پائالىيەتكە قاتناشقان.ئۇ مۇخبىر زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ:«بۇ قېتىملىق ئويۇن بەك قىزىدى.ئەمما مەن ئۇسسۇل ئويناشنى بىلمەيمەن. لېكىن ھەممىمىز ئىنتايىن خۇشال بولدۇق» دېگەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش