نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 143 قېتىم كۈرۈلدى
داڭلىق چولپان پېتنىڭ بوللىېۋود فىلىملىرىدە رول ئېلىش ئارزۇسى بار ئىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -23
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn 

ھوللىېۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى بىراد پېت يېقىندا ئۆزىنىڭ ھىندىستان بوللىېۋود كىنولىرىدا رول ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، بوللىېۋودنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنىڭ ئۇنىڭدا زور تەسىر قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىراد پېت زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ:«ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بوللىېۋود فىلىملىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ياخشى بولۇۋاتىدۇ. مەنمۇ بوللىئېۋود فىلىملىرىدە رول ئېلىشنى ئارزۇ قىلىمەن. يېقىنقى بىر قانچە يىل جەريانىدا بىز ھىندىستان فىلىملىرىنىڭ ئىنتايىن ياخشى نەتىجە قازىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. ئۇلار ھازىر دۇنيا كىنو ساھەسى ھەتتا ئوسكار كىنو سەھنىسىدە پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتماقتا»دېگەن.

ئۇ يەنە: «بۇ نەتىجىلەردىن كىنو سۈپىتىنى كۆرۈپلا قالماي يەنە بۇ فىلىملەردە رول ئالغان ئارتىسلارنىڭ ساپاسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر مەن بوللىېۋود فىلىملىرىدە رول ئېلىپ قالسام ئامما ئارىسىدىكى ئادەتتىكى ئارتىس بولۇشقىمۇ رازى »دېگەن.

بىراد پېت ئىلگىرى ھىندىستانغا كۆپ قېتىم بېرىپ باققان. ئەڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئۇ 2007-يىلى ئۇ ئانجىلىنا جۇلى بىلەن بىرگە ھىندىستاننىڭ بومباي قاتارلىق جايلىرىدا «قەيسەر يۈرەك»ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان.
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش