نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 183 قېتىم كۈرۈلدى
ئادەم بېدىكىنىڭ قولىدىن ئەقىل ئىشلىتىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ چىققان بەش ياشلىق بالا
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -23
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : .nur.cn

بەش ياشلىق بالا ئالداپ سېتىلغاندىن كېيىن،ئەقىل ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ يېشىنى يالغان مەلۇم قېلىپ ئۆزىنى قۇتقۇزغان.

ئەسلىدىكى تېمىسى:بۇ ئالداپ سېتىلغان بالا نېمە دېگەن ئەقىللىق ھە!
گۇيياڭدىكى بىر بەش ياشلىق بالا ئۆزىنىڭ يېشىنى يالغان مەلۇم قىلىپ، ئالىدىغان ئادەم چىقماي قايتۇرۇلۇپ ئېلىپ كېتىلگەن.
نۆۋتتە ساقچى تەرەپ ئالداپ سېتىش ئىشىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا
9 -ئاينىڭ9-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈچ يېرىم ئەتراپىدا،ئۆيى گۇيياڭ سەنچىياۋ خۇاڭخۇا كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئائىلىدىكى بۇ يىل بەش ياشقا كىرگەن شىياۋيۈ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا ئويناۋاتقاندا،«ئادەم بېدىكى»تەرىپىدىن ئالداپ باشقا يەرگە ئېلىپ كېتىلگەن.10كۈندىن كېيىن،ئادەم بېدىكى شىياۋيۈنى ساق-سالامەت ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان.ئەسلىدە چېچەن شىياۋيۈ ئۆزىنىڭ يېشىنى يالغان مەلۇم قىلىپ،سەنبو سېتىۋالغۇچى تەرىپىدىن يېشى بەك چوڭكەن دەپ ئاغرىنغان.
بالا يوقاپ كەتكىلى 10 كۈن بولغان، ئائىلە كىشلىرى ھەممە تەرەپتىن ئىزدىگەن.
9-ئاينىڭ 20-كۈن چۈشتىن كېيىن،مۇخبىر شىياۋيۈنىڭ ئۆيىگە كەلگەن.بالىنىڭ ئاپىسى لىنكەيبىنىڭ مۇخبىرغا دەپ بېرىشچە،ئۇنىڭ ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيى سەنچىياۋخۇاڭخۇا كوچىسىدىكى زاپچاس زاۋۇتىنىڭ ياتاق ئۆيى بولۇپ،شىياۋيۈگە ئەزەلدىن بوۋا-مومىسى قارايدىكەن.9-ئاينىڭ9-كۈنى،ئۇ تۇيۇقسىز شىياۋيۈنىڭ مومىسى قىلغان تېلفوننى تاپشۇرۇپ ئالغان،ھەم شىياۋيۈنىڭ ئۆي ئەتراپىدا ئويناۋېتىپ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن.
ئاشۇ كۈنى كەچتە،لىنكەيبى بىلەن يولدىشى تۇغقانلىرى ھەم دوستلىرىغا خەۋەر قىلغان،40 نەچچە ئادەم گۈيياڭنىڭ چوڭ-كىچىك كۈچىلىرى ھەم ماشىنا بېكەتلىرىدە بالىسنى ئىزدىگەن.ئىككىنچى كۈنى،ئۇلار يېقىن ئەتراپتىكى كۈزىتىش ئاپپاراتىدىن بالىنى ئىككى 14 ياشلىق بالا تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرگەن.
بالىنىڭ كىچىك ئاتىسى جاڭجۈننىڭ دېيىشىچە،40نەچچە ئادەم ئىزدەپمۇ بالىنىڭ سايىسىنىمۇ تاپالمىغان.
بالا يېشىنى يالغان مەلۇم قىلغان،سېتىۋالغۇچى يېشى چوڭكەن دەپ ئالمىغان.
شىياۋيۈنىڭ بوۋىسىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە،9-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ سائەت 11 يېرىم ئەتراپىدا،بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىنى ئىزدىگىلى چىقىپ تېخى ئۆيگە كەلمىگەن بولۇپ،تۇيۇقسىز بىر ئادەم ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەككەن،ئىشكىنى ئېچىپ قارىسا،يوقاپ كەتكىلى 10 نەچچە كۈن بولغان شىياۋيۈ ئۆزى يالغۇز ئىشىك ئالدىدا تۇرغان،ئۇ بالىنى قۇچاقلاپ قاتتىق يىغلاپ كەتكەن.
شىياۋيۈنىڭ مۇخبىرغا دەپ بېرىشىچە،9-ئاينىڭ9-كۈنى، ئۈستىگە كىيىم كىيمىگەن ئىككى ئاكاش ئۇنىڭدىن يول سورىغان بولۇپ،ئۇنىڭ ئۇلارنى مال سېتىۋېلىش ئورنىغا ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.شىياۋيۈ بۇ ئىككى ئاكاشنى خۇاڭخۇا كوچىسى ئېغىزىغا ئېلىپ بارغاندا بىر داداش(ئادەم بېدىكى) ئۇنى چاقىرغانلىقىنى ھەم ئۇنى ئېلىپ ئويناتقىلى ئاپاردىغانلىقىنى،ئۆزىنىڭ شىياۋيۈ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىدىغانلىقىنى،ئۇلار تاكسىدا،ئاپتوبوستا، پويىزدا ئولتۇرغان بولۇپ، نەگە بېرىپ قالغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى دېگەن.شۇ كۈنلەردە ئۇ داداش بىلەن تۇرغان بولۇپ،ئۇ داداش ئۇنىڭغا تاماق ئېلىپ بەرگەن ھەمدە يەنە بىر يۈرۈش يېڭى كىيىم ئېلىپ بەرگەنلىكىنى دېگەن.
شياۋايۈ ئەسلەپ :«بىركۈنى بىر يەردە مېھمانخانىغا چۈشۈپ تۇرغاندىن كېيىن،داداش ماڭا بىرەرى يېشىڭنى سورىسا تۆت ياش دە دېگەنىدى،بىر كۈنى بىر تاغاش كېلىپ مېنىڭ قانچە ياش ئىكەنلىكىمنى سورىغانىدى،مەن قورقانلىقىمدىن گەپ قىلمىدىم.ئۇ ئادەم داداشقا مېنىڭ يەتتە،سەككىز ياشلىق بالىدەك ئىكەنلىكىمنى يېشى چوڭ بولسا نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىدىغانلىقىمنى،ئۆيدە باققىلى بولمايدىغانلىقىنى دېدى.ئۇ ئادەم كەتكەندىن كېيىن،ماڭا يەنە تۆت ياش دەپ ئۆگەتتى،باشقا تونىمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئېلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن،ئارقىدىن كەلگەن ئىككى كىشىگە ئالتە ياشقا كىردىم دېگەن.ئۇلار مېنى يېىشى چوڭ ئىكەن دەپ مېنى ئالمىدى.داداش بىر پۇڭغىمۇ ئېرىشەلمىدى.»دېگەن.
شىياۋيۈ:«كېيىن داداش مېنى يەنە پويىزدا،ماشىنىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئەكەلدى،ئۆيگە مېنى ئېلىكتىرلىق موتوسېكىلىتى بىلەن تۇرۇشلۇق بىنانىڭ ئاستىغىچە ئەكىلىپ قويدى»دېدى.
نۆۋەتتە،ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتماقتا.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش