ئوباما ئېتىراز بىلدۈرۈش - تېررورلۇق ھەرىكىتى ئەمەس، دېدى
- يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -23
- يوللىغۇچى : گۇلنۇر
- مەنبەسى : nur.cn

ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ ئەمەلدارى بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق تۆت دىپلوماتىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇم ۋەقەسىنى «تېررورلۇق ھەرىكىتى» دېيىشنى رەت قىلدى. ئۇ:بۇ ۋەقەنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كېرەك، دېدى.
ئامېرىكا ۋە لىۋىيە ئەمەلدارلىرى 11-سېنتەبىر يۈزبەرگەن ئامېرىكىنىڭ بېنغازىدىكى كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرىسىدا ئوخشىمايدىغان قاراشتا بولدى. ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ستېۋېنستىن بىلەن ئامېرىكىنىڭ يەنە باشقا ئۈچ دىپلوماتى بۇ ۋەقەدە قازا قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇسان رىس گوۋۇيۈەننىڭ ھۇجۇم ۋەقەسى توغرىسىدا ئېيتقان دەسلەپكى سۆزلىرىنى دەلىللىدى. رىس تۈنۈگۈن: بۇ ھۇجۇم ۋەقەسى ئىسلام دىنىغا قارشى فىلىم تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىدىن باشلانغان، دېدى.
لېكىن، لىۋىيە مىللىي پارلامېنتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ماگارىياف شۇ قېتىملىق ھۇجۇم ۋەقەسىنى چەت ئەللىك بەزى رادىكال ئۇنسۇرلارغا ئارتىپ قويدى. ئۇ: مالى ۋە ئالجىرىيەدىن لىۋىيەگە كىرگەن بەزى كىشىلەر يەرلىك «شېرىكلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى» بىلەن بىرلىشىپ بۇ ۋەقەنى پىلانلىغان، دېدى.
گوۋۇيۈەن باياناتچىسى نېۋلاند 11-سېنتەبىر يۈزبەرگەن ھۇجۇم ۋەقەسى تېررورلۇق ھەرىكىتىمۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى، بۇ ھۇجۇم ۋەقەسى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمەيمەن. مېنىڭچە، ئەھۋالنى تېخى تولۇق ئىگىلىمىدۇق. باش ئەلچى رىسنىڭ سۆزى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ دەسلەپكى ھۆكۈمىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى»، دېدى.
[ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بېيرۇت، 20-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] لىۋان ئاللا پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى بۈگۈن ئاشكارە سورۇندا، نەچچە 100مىڭ قوللىغۇچىسىنى ئىسلام دىنىغا قارشى فىلىمگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.
ئاللا پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى نەسىرۇللا ئەسەبىيلەشكەن 500مىڭدەك كىشىنىڭ ئالدىدا 15مىنۇتتەك سۆز قىلدى.
نەسىرۇللا بۈگۈن ئامېرىكا بۇ فىلىمنى قويۇشنى چەكلىمەيدىكەن ھەم ئۇنى ئىنتېرنېت تورىدىن يوقاتمايدىكەن، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ