نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 64 قېتىم كۈرۈلدى
تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بوۋاق رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋېتىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -23
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn سەنچىن شەھەر گېزىتى مۇخبىرنىڭ خەۋىرى، لاۋتەننىڭ ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يول بويىغا تۇغۇلغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بوۋاق قويۇپ قويۇلغان بولۇپ،بۇ بوۋاقنىڭ قاڭشىرى ئىگىز، كۆزلىرى قوش قاتلىق بولۇپ تولىمۇ چىرايلىق ئىدى،يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر بۇ بوۋاقنىڭ تولىمۇ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى تەرىپلىشىپ، قانداق باغرى تاش ئانىنىڭ تاشلىۋەتكەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىشتى. ئارىدىن بىر كىشى بۇ بوۋاقنى بېقىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتمەكچىمۇ بولدى.
يېزىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا،بۇ بوۋاقنىڭ كىم تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.
9-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر سائەت ئالتىلەر بىلەن لاۋتەن ئۆيىدىن چىقىپ ئەتتىگەنلىك بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ماڭغان.غەربى كوچىدىكى چىڭفېڭ رايونىغا كەلگەندە پىيادىلەر يولىدىكى دەرەخلەر ئارىسىدىن بىر بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان.لاۋتەن «بۇنچە سەھەردە كىمنىڭ بالىسى بۇ دەرەخلىقتە يىغلاپ كەتكەندۇ» دېگەنلەرنى ئويلاپ، بېرىپ قاراپ بېقىشقا ماڭغان.
لاۋتەن بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلانغان يەرگە بېرىپ چىرايلىق يۆگەلگەن بوۋاقنىڭ يەرگە ياتقۇزۇپ قويۇلغانلىقىنى كۆرگەن.لاۋتەننىڭ دېيىشىچە،بۇ بوۋاق تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ تولا يىغلاپ ئاۋازلىرى پۈتۈپ كەتكەن ئىدى. بالىنىڭ يۆگىكى ئىچىگە سېلىپ قويۇلغان سۈت پاراشوكى ئاللىقاچان سوۋۇپ كەتكەن بولۇپ، يۆگەكنىڭ ئىچىدە 50يۈەنلىك،20يۈەنلىك،بەش يۈەنلىك پۇللار قىستۇرۇلغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئەتتىگەنلىك چېنىقىشقا چىققان كىشىلەر بىر-بىرلەپ بۇ يەرگە توپلاشتى. بىر كىشى تېخى ئىسسىق پۇرچاق سۈتى ئېلىپ كېلىپ بالىغا ئەمدۈردى. ئەتراپتىكى كىشىلەر بۇ بوۋاقنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى قىياس قىلىپ دەرھال دلېو مەلۇم قىلدى.
ئەتتىگەن سائەت توققۇزلار بىلەن ساقچىلار ۋە بالىلار پاراۋانلىق ئورنىنىڭ مەسئول خادىملىرى نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.كېيىن بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ تەكشۈرۈتۈش ئارقىلىق بۇ بوۋاقنىڭ تۇغما يۈرەك كىسىلى بارلىقى ئېنىقلاندى. شۇنىڭ بىلەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە نەق مەيداندىكى ماددى نەرسىلەرگە ئاساسەن« بۇ بوۋاقنىڭ ئۆيىدىكىلەر بالىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن تاشلىۋەتكەن» دېگەن يەكۈنگە كەلگەن. كېيىن بۇ بوۋاق شىئەن شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىلدى.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش