نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 113 قېتىم كۈرۈلدى
شياڭگاڭغا بېرىپ يەڭگىگەن ئايال قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -23
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn چاڭجياڭ سودا گېزىتى خەۋىرى. ئىچكىرى ئۆلكىدىكى يى خانىم 8-ئاينىڭ 29-كۈنى گۇاڭجۇدا ئايروپىلانغا چىقىپ شياڭگاڭ خەلقئارا ئايرودرومغا چۈشكەن. يى خانىم چېگرىدىن كىرىش ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسىگە دوختۇرنىڭ يالغان ئىسپاتىنى تاپشۇرۇپ ھامىلىدار بولغىنىغا يەتتە ئاي بولغانلىقى، شياڭگاڭغا ساياھەت قىلغىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئويلىمىغان يەردە يى خانىم ئاشكارىلىنىپ قالغان ۋە 9-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغقان. 9-ئاينىڭ 18-كۈنى يى خانىم سەككىز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. شياڭگاڭدىكى مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ دوختۇر-سېسترالىرى يى خانىمنىڭ نەچچە كۈنلۈك بولغان ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشقا مەسئۇل بولغان.
26 ياشلىق جاۋابكار يى خانىم 8-ئاينىڭ 29-كۈنى شياڭگاڭ لوڭخاڭ KA789نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ كەچ سائەت 11 دا شياڭگاڭغا يېتىپ بارغان. چېگرىدىن ئۆتۈش ئورنىدا چېگرىدىن كىرىش ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى يى خانىمنىڭ خىلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالغان قورسىقىنى كۆرگەن. يى خانىم شياڭگاڭدىكى دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتىنى كۆرسەتمەستىن بەلكى ئىچكىرى ئۆلكە دوختۇرخانىسىنىڭ ئىسپاتىنى كۆرسەتكەن.
يى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، يى خانىم شياڭگاڭغا ساياھەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ ، قورسىقى شياڭگاڭغا ساياھەتكە كەلگەن ھامىلىدار ئاياللارغا قويۇلغان ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئىكەن. چېگرىدىن كىرىش ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ ئېنىقلىشىچە، جاۋابكار يى خانىم بۇ يىل 6-ئايدا لوخۇ باشقۇرۇش پونكىتىدا تۇغۇت ئىسپاتى بولمىغاچقا چېگرىدىن ئۆتۈش رەت قىلىنغان ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا يى خانىم 9-ئاينىڭ 5-كۈنى يەڭگىيدىغانلىقىنى ئېيتقان. دوختۇر يى خانىمنىڭ قورسىقىنىڭ 28 ھەپتىلىك بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئەمما ھازىر ئارىدىن ئون ھەپتە ئۆتۈپ كەتكەن. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا يى خانىم ھامىلىدار بولغىنىغا 38 ھەپتە بولىدۇ. بۇنىڭدىن يى خانىمنىڭ قولىدىكى ئىسپاتنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.شۇڭا يى خانىمنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈشى رەت قىلىنغان.
يى خانىم سالامەتلىكىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى ئېيتقاچقا، چېگرىدىن كىرىش ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن چىقىپ يى خانىمنى جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا چىقىرىپ دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارغان. دوختۇرلار يى خانىمنى تەكشۈرۈپ مەسىلە بايقىمىغان. بىراق يى خانىم زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە دوختۇر-سېسترالارنى تىللاپ ھاقارەتلىگەن. شۇڭا چېگرىدىن كىرىش ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى يى خانىمنى ئىچكىرى ئۆلكىگە قايتۇرۇۋېتىشكە ئامالسىز قالغان.
9-ئاينىڭ 4-كۈنى دوختۇرلار تەكشۈرۈپ يى خانىمنىڭ پات يېقىندا يەڭگىيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ ۋاقىتتا يى خانىم يېنىدىكى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت ئىسپاتىنى كۆرسەتكەن. ئىسپاتتا يى خانىمنىڭ ھامىلىدار بولغىنىغا 38 ھەپتە بولغانلىقى يېزىلغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ يى خانىم 9-ئاينىڭ 8-كۈنى بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغقان.
شياڭگاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك يەڭگىۋالغان يى خانىم ئاخىرى چېگرىدىن كىرىش ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە يالغان ئىسپات كۆرسەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. چېگرىدىن كىرىش ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى فېڭ دا گۇاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يى خانىم گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يالغان ئىسپاتىنى 100 يۈەنگە سېتىۋالغان ئىكەن.
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش