نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 115 قېتىم كۈرۈلدى
زەھەر ساقلىغان ئامېرىكىلىق ناخشىچى فىياننا قولغا ئېلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -22
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : .nur.cn


يېقىندا، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ناخشا چولپىنى، پىئانىنوچى فىياننا ئەپپول كۆپ مىقداردا زەھەر (نەشە) ساقلىغانلىقى ئۈچۈن تېكساس ئىشتاتىدا قولغا ئېلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 19-كۈنى فىياننا ئەپپول ئەڭ يېڭى پلاستىنكىسى
«The Idler Wheel Is Wiser Than The Driver Of The Screw,
And Whipping Cords Will Serve You More Than Ropes Will
Ever Do»نى تارقاتقان بولۇپ، ھازىر سەييارە ئويۇن قۇيىۋاتقان ئىكەن.

تېكساس ئىشتاتى يەرلىك ساقچىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇلار فىياننا ئەپپولنىڭ سەييارە ئويۇن قويۇشتا ئىشلىتىدىغان ماشىنىسىنىڭ ئىچىدىن زور مىقداردا نەشە بايقىغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋېللىيانېلسون ۋە سنوپ دوگ قاتارلىقلارمۇ زەھەر يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئىكەن. فىياننا ئەپپول ھازىر ھېرتس پېرت ۋىلايەتلىك تۈرمىدە جازا ئۆتىمەكتە.

فىياننا ئەپپول 1977-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان. ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ناخشا چولپىنى شۇنداقلا پىئانىنو ئۇستىسى. ئۇ 1996-يىلى تۇنجى پلاستىنكىسى «Tidal»بىلەن گىراممىي مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكا تولغىما ئۇسسۇل ناخشا چولپىنى دەپ ئاتىلىپ زور نام قازانغان.
 

Www.AnAdiyar.Cn 
Www.AnAdiyar.Cn 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش