نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 217 قېتىم كۈرۈلدى
روسىيەنىڭ 2 پاراخۇتى 30 تىك ئۇچار ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -21
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : hawar.cn
Www.AnAdiyar.Cn

مۇداپىئە ئىشلىرى دۇنيا تورىنىڭ 19-چىسلادىكى خەۋىرى: روسىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ كىلىشىمىگە ئاساسەن فىرانسىيە روسىيەگە ياساپ بەرگەن 2 دانە " غەربي شىمال شامىلى" دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق ۋە سۇدا يۈرەلەيدىغان ھۇجۇم پاراخوتى ئاۋىئاتسىيە بىرلەشمە ئەتىرىتىنى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپ 30 دانە كا-52K ۋە كا-29 تىپلىق تىك ئۇچارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن.

" غەربي شىمال شامىلى" دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق ۋە سۇدا يۈرەلەيدىغان ھۇجۇم پاراخوتىنىڭ ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بۇلۇپ 16 تىك ئۇچار، 4 قۇرۇقلۇق كىمىسى، 70 بىرونىۋىك ھەمدە 450 نەپەر ئەسكەرنى ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن. روسىيە ۋە فىرانسىيە ئىككى دۆلەت 2011-يىلى 2 دانە " غەربىي شىمال شامىلى" دەرىجىلىك، ئۇمۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 500 مىليۇن دوللارلىق پاراخۇت زاكاز توختامىنى تۈزگەن. پىلان بويىچە پاراخۇت ئۈستىدىكى ئۇچۇش سىنىقى 2014-يىلى باشلىنىدىكەن.

" غەربىي شىمال شامىلى" دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق ۋە سۇدا يۈرەلەيدىغان ھۇجۇم پاراخوتىدا پاراخۇتتا ئېلىپ يۈرىلىدىغان ۋە قۇرۇقلۇقتىنى ئۇچىدىغان ئىككى خىل تىپتىكى تىك ئۇچارنىڭ ئىككىسىلا ئارلاشتۇرۇلۇپ قاچىلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىلغار كا 52 alligator ھۇجۇمچى تىك ئۇچارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، نۆۋەتتە بۇ خىل پاراخوت ئېلىپ يۈرىدىغان تىك ئۇچار ياسىلىۋېتىپتۇ.

تۇنجى " غەربىي شىمال شامىلى" دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق ۋە سۇدا يۈرەلەيدىغان ھۇجۇم پاراخوتى كەلگۈسى 3 يىلدا روسىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە ۋەزىپە ئۈتەشكە تاپشۇرۇپ بىرىلىدىكەن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش