نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1142 قېتىم كۈرۈلدى
ياپونىيەنىڭ نىكون شىركىتى «ۋەتەن ساتقۇچ» دەپ ئەيىبلەندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-06 -14
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

خەلقئارا لىنىيەنىڭ مەخسۇس خەۋىرى: «چاۋشيەن كۈندىلىك گېزىتى» ۋە ياپونىيە «سانكېي خەۋەرلىرى» تاراتقۇسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ نىكون شىركىتى بۇ يىل 6- ئايدا بىر نەپەر كورىيەلىك فوتوگرافنىڭ ياپونىيە ئارمىيەسىدىكى ھال سورىغۇچى ئاياللار باش تېما قىلىنغان فوتو- سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاپ بېرىشنى قارار قىلغانىدى، ئەمما بۇ ئىش ياپونىيەدىكى پۇقرالار ۋە ئوڭ قانات تەشكىلاتلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىدى، نىكون شىركىتى يېقىندا تۇيۇقسىز بۇ قېتىملىق فوتو- سۈرەت كۆرگەزمىسىنى توختىتىدىغانلىقىنى قارار قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 300 دىن ئارتۇق فوتوگرافنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.
بۇ يىل 41 ياشقا كىرگەن كورىيەلىك فوتوگراف ئەن شىخوڭ ئەسلىدە مۇشۇ ئاينىڭ 26- كۈنىدىن كېلەر ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە توكيودىكى نىكون سالونىدا ياپونىيە ئارمىيەسىدىكى ھال سورىغۇچى ئاياللار باش تېما قىلىنغان فوتو- سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغانىدى، ئەمما نىكون شىركىتى تۇيۇقسىز ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ كۆرگەزمىنى بىكار ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇنىڭغا قارىتا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 314 نەپەر فوتوگراف 13- ئىيۇن كەچتە توردا ئىمزا قويۇپ بىرلەشمە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئەن شىخوڭنى قوللىدى.
ئەن شىخوڭ ئۈچ يىل ئىلگىرىلا ياپونىيەنىڭ ناگويا شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۇ 13- ئىيۇن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ يىلنىڭ بېشىدا، نىكون شىركىتى ماڭا ياردەم بەرمەكچى بولغان، يەنە تېخى ئېلانمۇ ئىشلەپ بەرگەن. ئەمما ئالدىنقى ئاينىڭ 22- كۈنى، نىكون سالونىدىكىلەر تۇيۇقسىز تېلېفون ئۇرۇپ، فوتو- سۈرەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقى، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.» ئەن شىخوڭ مۇنداق دېدى: «بۇ بەلكىم ياپونىيەدىكى ئوڭ قانات تەشكىلاتلارنىڭ بېسىمىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن.»
فوتو- سۈرەت كۆرگەزمىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئەنگلىيەلىك بىر فوتوگراف «مەن تەكشۈرۈلدۈم» ناملىق تور پونكىتى قۇرۇپ، ئەن شىخوڭنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ فوتوگراف يەنە تور پونكىتىدا ئېتىرازنامە ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەن شىخوڭغا ئوخشاش بۇنداق جاپالىق خىزمەت قىلىدىغان فوتوگراف سىياسىي مۇداخىلىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك».
13- ئىيۇنغا قەدەر، خەلقئارا فوتوگرافلار كۇلۇبى ماگنۇمنىڭ فوتوگرافى كرېس ستېل پاركېن قاتارلىق 300 دىن ئارتۇق فوتوگراف «قوللىغۇچىلار» ستونىغا ئىمزاسىنى قويدى.
نىكون شىركىتى ئىلگىرى ھال سورىغۇچى ئاياللار فوتو- سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يەر ئىجارىگە بېرىشنى قارار قىلغان ئۇچۇر تارالغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئاھالىلىرى بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ: نىكون شىركىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى «ۋەتەن ساتقۇچلۇق» ھېسابلىنىدۇ دېدى. ياپونىيەدىكى ئوت قانات مۇنبەر 2CH نىڭ ئەزالىرى نىكون شىركىتىنىڭ توكيودىكى باش شتاب بىناسى ئالدىدا قارشىلىق كۆرسىتىپ: «كۆرگەزمە بىكار قىلىنمىسا، نىكونغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغايمىز» دېگەنىدى. ئەن شىخوڭنىڭ ئۆزى ھەر كۈنى نەچچە ئونلىغان تەھدىت تېلېفونى، ئېلخەت ۋە خەت تاپشۇرۇۋالغان، بۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى «ھال سورىغۇچى ئايال يوق. ياپونغا قارشى فوتوگراف دەرھال كورىيەگە كەتسۇن.» دېگەنلەردىن ئىبارەت.

 

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش