نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 2750 قېتىم كۈرۈلدى
جۇڭگو «چاۋشيەنگە ھەربىي ئاپتوموبىل چىقاردى» دېگەن خەۋەرگە رەددىيە بەردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-06 -14
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : نۇر

 

Www.AnAdiyar.Cn 
مۇھىم مەزمۇنى: ياپونىيە «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى» نىڭ 13- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئىلگىرى بىرلەشمە ئاخبارات يولى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ چاۋشيەنگە چوڭ تىپتىكى ھەربىي ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلغانلىقىدىن خەۋەردار بولدى، بۇ ھەربىي ئاپتوموبىللار يىراقتىن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا يۆتكەشكە ئىشلىتىلىدۇ دەپ قارالدى، ئەمما ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كومىتېتىغا بۇ ئىشنى دوكلات قىلمىدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدە ئىجابىي رول ئويناشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا جۇڭگونىڭ بۇ ئىشىنى «سۈرۈشتۈرۈپ كەتمىدى.»
يەر شارى تورى مۇخبىرى لۇ خاۋ خەۋىرى: ياپونىيە «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى» نىڭ 13- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئىلگىرى بىرلەشمە ئاخبارات يولى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ چاۋشيەنگە چوڭ تىپتىكى ھەربىي ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلغانلىقىدىن خەۋەردار بولدى، بۇ ھەربىي ئاپتوموبىللار يىراقتىن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا يۆتكەشكە ئىشلىتىلىدۇ دەپ قارالدى، ئەمما ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كومىتېتىغا بۇ ئىشنى دوكلات قىلمىدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدە ئىجابىي رول ئويناشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا جۇڭگونىڭ بۇ ئىشىنى «سۈرۈشتۈرۈپ كەتمىدى.» بۇنىڭغا قارىتا جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكىلەر 13- ئىيۇن رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: ئالاقىدار خەۋەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ئىزچىل تۈردە چوڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىدە ئالاقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. جۇڭگو چوڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار ۋە بۇنى يۆتكەيدىغان قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.
ياپونىيە «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىكى ئۇچۇردار كىشىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ياپونىيە 5- باشقۇرۇش رايونى دېڭىز ئامانلىق نازارىتى ئۆتكەن يىلى 10- ئايدا ئوساكا پورتىدىن ئۆتىدىغان كامبودژانىڭ بىر يۈك پاراخوتىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا جۇڭگو شاڭخەيدىكى ئېكسپورت ۋاكالەتچى سودىگىرىنىڭ ئېكسپورت مەلۇمات جەدۋىلىنى بايقىغان. ئۇچۇردا ئاشكارىلىنىشچە، بۇ يۈك پاراخوتى ئۆتكەن يىلى 8- ئايدا چاۋشيەننىڭ بىر پورتىغا بارغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ بىر شىركىتى تۆت دانە چوڭ تىپلىق ئالاھىدە ئاپتوموبىل چاۋشيەنگە ئېكسپورت قىلغان. ياپونىيە تەرەپ بۇ ئاپتوموبىللارنى يىراقتىن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا يۆتكەشكە ئىشلىتىلىدۇ دەپ قارىغان، ھەمدە بۇنى باھانە قىلىپ جۇڭگونى چاۋشيەنگە چوڭ تىپتىكى ھەربىي ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ چاۋشيەننى جازالاشقا ئالاقىدار قارارىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن.
ياپونىيەنىڭ «سانكېي خەۋەرلىرى» ناملىق تاراتقۇسىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا بۇ يىل 4- ئايدا غەيرىي رەسمىي يول بىلەن جۇڭگو تەرەپكە گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو تەرەپ كامبودژانىڭ بىر يۈك پاراخوتى ئارقىلىق چاۋشيەنگە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل يۆتكىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ چوڭ تىپتىكى ياغاچ ماتېرىياللىرى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ياپونىيەنىڭ دېپلوماتىيە ۋەزىرى كوئىچىرو گېنبا 13- ئىيۇن دۆلەت مەجلىسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان گۇمانىغا قارىتا مۇنداق دېدى: بۇ ئىش دۆلەتنىڭ ئاخباراتىغا چېتىشلىق، پاكىتلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.
 
 
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش