نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1386 قېتىم كۈرۈلدى
سابىق زۇڭتۇڭ كىلىنتۇن ئوبامانى دوراپ گېپىدىن يېنىۋالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-06 -14
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى بىل كىلىنتون 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئوبامانىڭ سايلام پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ كۆپ پۇل تاپالايدىغان ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ھازىرقى بۇ پىرېزىدېنتنىڭ سايلام مەبلىغى توپلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ، شۇنداقلا خىلى كۆپ سايلام مەبلىغى يىغىپ بەردى.
  4-ئىيۇن، ئوباما نيو يوركتا ئۆزىگە بىلەت توپلىدى، شۇ كۈندىكى مەبلەغ توپلاش كېچىلىكىدە، ئوباما 65 ياشقا كىرگەن كىلىنتون بىلەن بىللە سەھنىگە چىقتى. كىلىنتون ئوبامانى قاتتىق قوللايدىغانلىقى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئومابا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان دۆلەتنى ياخشى باشقۇردى، شۇڭلاشقا قايتا سايلىنىش سالاھىيىتى بار دېدى. كىلىنتون سۆزىدە ئومابانىڭ رىقابەتچىسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتى رومنېينى قاتتىق سۆكتى، ھەتتا رومنېينىڭ سايلىنىشى خۇددى بالا-قازاغا ئوخشايدۇ دېدى. ئۇ مېنىڭچە ئوبامادىن باشقا ھەرقانداق بىر تاللاش دۆلەت ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئاپەت ئىلىپ كېلىدۇ دېدى. كىلىنتوننىڭ يۇقىرى نوپۇزى بىلەن، شۇ كۈنى 3مىليون 600مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ توپلاندى.
 5-ئاينىڭ باشلىرىدا ، كىلىنتون ئوباما بىلەن ۋىرگىنىيە شىتاتىغا بېرىپ سايلام پائالىيىتىگە قاتناشقان. كىلىنتون يېقىن دوستى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مەكئاۋلىفىنىڭ تۇرالغۇسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، نەق مەيداندىكى كىشىلەرنى ئومابانىڭ قايتا سايلىنىشىنى قوللاشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قوللىغۇچىلىرىغا ئومابانى تونۇشتۇردى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە بوغۇق ئاۋازى بىلەن ئوباما قايتا سايلىنىشى كېرەك دېدى.  ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىلىنتون يېقىندا ئومابانىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسىغا ئايلانغان. ئۇ ھەتتا سايلام ئېلانىدا پەيدا بولۇپ، ئوبامانىڭ ئۆتكەن يىلى ھۇجۇم قوزغاپ بىن لادىننى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ماختىغان.
   كىلىنتون بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ 5-ئىيۇن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقانلىرى ھەققىدە كەچۈرۈم سورىغان. ئۇ ۋاقىتتا، كىلىنتون بۇش ھۆكۈمىتى يولغا قويغان باجنى ئازايتىش پىلانى كېلەر يىلى 1-يانۋاردا ۋاقتى توشقاندىن كىيىن، بايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باجنى ئازايتىش پىلانىنى يەنە داۋاملىق ئۇزارتىلىش كېرەك دېگەن. بۇ ئوبامانىڭ سىياسىتى بىلەن زىت بولۇپ قالغان. ئوباما يىللىق كىرىمى 250مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بايلاردىن باجنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئۇزارتىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي كىشىلەر قىزىل رەقەمنى ئازايتىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك دېگەن.
   بۇ كىلىنتوننىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم سۆزىدىن يېنىۋىلىشى ھېسابلىنىدۇ، كىلىنتون 31-ماي ئامېرىكا سىمسىز تېلېۋىزىيە خەۋىرى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا رۇمنېيغا ،ھەقىقەتەنمۇ بىر ئادەم شىتات باشلىقى بولۇپ باققان بولسا، ھەقىقىي سودا قىلىش كەچۈرمىشى بولسا، ئۇنداقتا ئۇ پىرېزىدېنت بولۇشقا سالاھىيىتى توشقان بولىدۇ،دەپ باھا بەرگەن ئىدى. گەرچە كىلىنتون زىيارەت داۋامىدا ئوبامانىڭ سايلىنىشىغا بەكرەك كۈچىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەسلىدىكى گېپىدىكى رۇمنېينىڭ ھەقىقىي سودا قىلىش تەجرىبىسى بار دېگەن سۆزى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولغان.
 
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش