نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 1766 قېتىم كۈرۈلدى
ئىشلەمچى ئانا ئۆزىنىڭ 11ياشلىق بالىسىنىڭ ئەزاسىنى باشقىلارغا تەغدىم قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-05 -19
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : نۇرلۇق تورى

 

Www.AnAdiyar.Cn

جۇڭگو گۇاڭجۇ تورى بېيجىڭ 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋرىگە ئاساسەن جۇڭگو ئاۋازى"خەۋەرلەر" دىكى دوكلاتى، 1سۇڭلۇق رەسىمدىكى 11ياشلىق كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ بىر جۇپ قۇلۇقى ، بۇلاقتەك بىر جۇپ كۆزى خۇددى بۇ ئاجايىپ دۇنياغا قاراۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئىسىمى تىئەنگەن، گۇيجۇلۇق تۇجىيا مىللىتىدىن ، بۇ يىل باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىدا ، شاۋتىئەگە بۇگۈن كۆزىنى ئىچىپ بۇ دۇنياغا نەزەر سېلىشقا ئامال قىلالمىدى، چۇنكى بۇ يىل 1-ئايدا بىر قىتىملىق تۇيۇقسىز يۇز بەرگەن قاتناش ۋەقەسى شىنجىدا ئىشلەمچىلىك قىلۋاتقان يۇەندېجىننىڭ يولدىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئوغلىنىڭ بىشىغا كەلدى، يولدىشىنىڭ ئەزالېرى زەخمىگە ئۇچۇرغانلىقتىن قازا قىلدى. ئوغلىنىڭ مىڭىسى كاردىن چىقتى، ئۇ پەقەت نەپەسلەندۇرۇش ئۇسكۇنىسى ۋە دورىلارغا تايىنىپلا ھاياتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ھالغا چۇشۇپ قالدى.

ئازاپلىق 4 ئايدا 600مىڭ يۇەن پۇل چىقىرىش بىر ئاددى ئائىلە ئۇچۇن ئىلىپ ئېيتقاندا ئاسانغا توختىمىدى. مۆجىزە يۇز بەرمەي ، ھايات ئاخىرلاشتى. 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ، ئانىلار بايرىمى. بۇ ئەمدىلا 40 ياشقا توشقان تۇجىيا مىللىتىدىن بولغان ئانا يۇەندېجىن 11ياشلىق ئوغلى تىئەنگەننىڭ بارلىق ئەزالېرىنى باشقا ئېھتىياجلىق بولغان كىشلەرنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدى.

بۇ پۇتۇن مەملىكەت بۇيىچە تۇنجى قىتىم كىچىك بالا بەدىنىدىكى ئەزانى چوڭ ئادەمنىڭ بەدىنىگە كۈچۈرۈش بۇلۇپ، بۇ گۇيجۇلۇق بىر ئىشلەمچى ئانىنىڭ تاللىغان يۇلى ئىدى. تۇنۆگۇن ئاخشام ، گۇيجۇ تىلۋىزىيە ئىستانىسى مۇخبىرى چىنيەن يۇەندېجىن بىلەن تىلفۇندا كۆرۇشتى.

تيئەن ئانا:" شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھاياتى پەقەت نەپەسلەندۇرۇش سېستىمىسى قاتارلىق ئۇسكىنىلەرگىلا تايانغان ئىدى، مەن ئەگەر ئۇ مۇشۇنداقلا كىتىپ قالسا ، مەن چۇقۇم چىدىمايمەن، ئۇنىڭدىن كۆرە باشقىلرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئەڭ چوڭ ياخشى ئىش "دېدى.

4ئايلىق ساقلاپمۇ يۇەندېجىن:" ئوغلىنىڭ ئويغۇنۇشىنى كۆرەلمىدى. ئۇ يەنە چىداپ تۇرىۋەرسەم ،يولدىشىمغا ئوخشاش ئاقىۋەتتە بىر دوم جەسەت كۇلىگە ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغىنى ياخشى" دېدى. 10 كۈن ئىلگىرى يۇەندېجىن ئازاپلانغان ھالدا ئەزا تەغدىم قىلىش ئىلتىماسىغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يازدى(ئىمزا قويدى). 
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش