نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 2263 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا لادېننىڭ توققۇز چوڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارىلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-05 -04
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
مۇھىم مەزمۇنى: ئامېرىكا خەنزۇ تىلى تورىنىڭ 3- مايدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بىر يىل ئىلگىرى، بىن لادېن پاكىستاندىكى تۇرالغۇسىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز يىلپىزى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن نۇرغۇن ماتېرىياللار كىشىلەرنى بۇ تېرورچىلار ئاتامىنىنىڭ مەخپىيىتىگە ئىگە قىلغان.
يەر شارى تورىنىڭ پراكتىكانت مۇخبىرى جوۋ شۈ خەۋىرى: ئامېرىكا خەنزۇ تىلى تورىنىڭ 3- مايدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بىر يىل ئىلگىرى، بىن لادېن پاكىستاندىكى تۇرالغۇسىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز يىلپىزى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن نۇرغۇن ماتېرىياللار كىشىلەرنى بۇ تېرورچىلار ئاتامىنىنىڭ مەخپىيىتىگە ئىگە قىلغان.
خەۋەردە ماتېرىياللارغا ئاساسەن بىن لادېننىڭ توققۇز چوڭ مەخپىيىتى تىزىپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ «كەسپىگە» بولغان قارىشى، يەنە ئوبامانى ئۆلتۈرۈش، پوچتا پاراخوتىنى پارتلىتىش قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە ئۇنىڭ يەككە- يىگانە، ياردەمسىز قېلىش، چۈشكۈنلىشىشتەك روھىي ھالىتىمۇ بار، يەنە نەرسە كېرەك يىغىش، ھەتتا نۇرغۇن شەھۋانىي بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلاشتەك ھەۋىسىمۇ بار.
بىن لادېننىڭ ئوبامانى ئۆلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان «مەخپىيەتلىك». ئەمما خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ئوبامانى ئۆلتۈرۈشىگە سەۋەب بولغان بىر قىسىم ئامىل شۇكى، ئۇنىڭچە مۇئاۋىن پرېزىدېنت بايدېننىڭ باش قوماندانلىقنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ تەييارلىقى پۈتمىگەن، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈش پىلانىدا «ھاۋا ئارمىيە 1- نومۇر» نى بۇلاشمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان.
ئەمما 2010- يىلى، لادېن ماي پاراخوتىنى بۇلاش، ھەمدە دېڭىزدا پارتلىتىشنىمۇ ئويلىغان. ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ پارتلىتىشنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىشى ھەمدە نېفىت باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
خۇسۇسىي ھەۋەس جەھەتتە، ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشچە لادېن نەرسە- كېرەك توپلاشقا ئامراق بولۇپ، ئېيتىلىشچە، تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۇنىڭ تۇرالغۇسىدىن بەش كومپيۇتېر، 10 قاتتىق دېسكا ۋە 100 دىن ئارتۇق ساقلاش ئۈسكۈنىسى (DVDپلاستىنكىسى، ئوپتىك دېسكا. بارماق دېسكا قاتارلىقلار) تېپىپ چىققان بولۇپ، بۇلارغا 10 مىڭدىن 15 مىڭغىچە ھۆججەت ۋە 15 مىڭدىن 25 مىڭغىچە سىن ھۆججىتى قاچىلانغان.
بۇ «ساقلانما بۇيۇملار» ئىچىدە، شەھۋانىي بۇيۇملارمۇ ئۇچرايدۇ. ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، لادېننىڭ تۇرالغۇسىدا بايقالغان شەھۋانىي بۇيۇملار ئىچىدە «زامانىۋى ئېلېكترونلۇق سىن كۆرۈنۈشلىرى» مۇ بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە «مەزمۇنى تولىمۇ كەڭ» ئىكەن.
بىن لادېن «بازا» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسىدىنمۇ ئەندىشە قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشچە، ئۇ «ئەرەب باھارى» نىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلغان، ھەمدە 2011- يىلىنىڭ بېشىدا ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالي ئافرىقىدا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلار «بازا» تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسىگە «خەتەرلىك» دەپ قارىغان.
«بازا» تەشكىلاتىنىڭ كەينى- كەينىدىن بالايى- ئاپەتكە ئۇچرىشىغا ئەگىشىپ، لادېن تولىمۇ ئازابلانغان، ئۇ قول ئاستىدىكىلەرنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بايقىيالمايدىغان، بومبا پارتلىتالمايدىغان جايلارغا قېچىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرگەن، ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نامىنىمۇ ئۆزگەرتمەكچى بولغان.
ئامېرىكىلىق بىخەتەرلىك ئانالىزچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا بىلەن ئاساسەن دېگۈدەك ئايرىلىپ تۇرىدىغان تۇرمۇشنى جىق كەچۈرگەچكە، لادېندا «خام خىيال سۈرۈش كېسىلى» كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇ تولىمۇ تەنھا، ياردەمسىز قالغاچقا، ئويلىغانلىرىنى بىرەرسىگە ئېيتىپ بېرەي دېسىمۇ، ئەمما ئالاقە يولى ھەمىشە ئۈزۈلۈپ قالغان. بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، لادېننىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئۇنىڭغا ئۇنىڭ تېرورلۇق قىياسىنى يولغا قويۇشنىڭ تولىمۇ قىيىنلىقىنى ئېيتقان.
ئەمما بۇ ئەمەلدار يەنە مۇنداق دېدى: لادېن ھېلىھەم تېرورلۇق تەھدىتىدۇر، بۇ ئەھۋال مەلۇم دەرىجىدە ئۇنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىگە باغلىق. ئۇنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئېيتقانلىرى يەنىلا خېلى چەك باسىدۇ. ئۇلار نۇرغۇن ئىشلاردا يەنىلا لادېننىڭ كۆرسەتمىسىنى ئېلىشقا ئادەتلەنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ جاۋابىنى ساقلايدىكەن.
 
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش