نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 744 قېتىم كۈرۈلدى
12 تۈمەن يېشىك كوكاكولاغا خلورلۇق سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-05 -01
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

سەنلۈ زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسى، مېڭنيۇ زەھەرلىك سۈت ۋەقەسىدىن كېيىن، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى بارغانسىرى چەتئەل ماركىلىرىغا بولۇپمۇ چەتئەلنىڭ داڭلىق ماركىلىرىغا قىزىقىدىغان بولۇپ كەتتى، ئەمما كىشىنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمەيدىغان بىر ئىش، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كوكاكولا شىركىتى جۇڭگودا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتتىنمۇ چاتاق چىققان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 12 تۈمەن يېشىك كوكاكولا شەنشى سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بولۇپ، بۇ ئىچىملىكلەرگە خلورلۇق سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان. كىشىنى تېخىمۇ ئەجەبلەندۈرىدىغىنى، كوكاكولا شىركىتى ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى يوشۇرۇپ، ھەقىقى ئەھۋالنى ئېتىراپ قىلمىغان.

 

  دۇنيادىكى مۇشۇنداق نوپۇزلۇق كارخانا مەھسۇلاتىدىن مەسىلە چىققىنىغا، كىشىلەر قاتتىق ئەپسۇسلانغان. ھازىرقى جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى زادى قايسى كارخانا مەھسۇلاتىغا ئىشىنىشى كېرەك؟ ئەگەر شەنشى سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىمىغان بولسا، ئۇنداقتا كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىينى يوق دەپ قارالغان بۇ مەھسۇلاتلار كولا شىركىتى تەرىپىدىن ئىستېمالچىلارغا يەتكۈزۈلەرمىدى؟ ياز پەسلى كىرىۋاتقان بۇ مەزگىلدە كولا شىركىتى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ مەسىلە كۆرۈلگەن مەھسۇلاتلارنى جۇڭگو پۇقرالىرىغا تەۋسىيە قىلىپ، پۇقرالارنى پۇل خەجلەپ خەتەر سېتىۋېلىشقا دۇچار قىلغان بولارمىدى؟

  بېيجىڭ كەچلىك گېزىتى: شەنشى سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى تۈنۈگۈن، كوكاكولا ئىچىملىك شىركىتىنىڭ بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرىدىن مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ، ئۆلكىلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى 19- ئاپرېل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، نەق مەيدان تەكشۈرۈش، ئارخىپلارنى كۆرۈپ چىقىش، خىزمەتچىلەردىن ئەھۋال ئىگەللەش ئارقىلىق ئاخبارات ۋاسىتلىرى خەۋەر قىلغان ئەھۋالنىڭ ھەقىقى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن. تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇلار يەنە، بۇ شىركەتنىڭ بىر قىسىم شارائىتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان. مۇناسىۋەتلىك قانۇن - قائىدىلەرگە ئاساسەن، شەنشى ئۆلكىلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى كوكاكولا ئىچىملىك شىركىتىگە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش مەمۇرىي جازاسى بەرگەن. 16- ئاپرېل، كوكاكولا ئىچىملىك شىركىتى خىزمەتچىلىرى مۇخبىرغا ئەھۋال مەلۇم قىلىپ، تۇرۇبىنى ئۆزگەرتىش مۇناسىۋىتى بىلەن، دېزىنفېكسىيە قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان خلورلۇق بىر تەرەپ قىلىنغان سۇنىڭ 5 مىلىيون قىممىتىدىكى 12 تۈمەن يېشىك كوكاكولا مەھسۇلاتىغا ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى، بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ ئاللىقاچان لاياقەتلىك مەھسۇلات سۈپىتىدە بازارغا سېلىنغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭغا قارىتا، كوكاكولا شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، «زاۋۇتىمىزدىن چىققان بارلىق مەھسۇلاتلار سۈپەت كاپالەت سىستېمىسىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن، بىخەتەر، ئىشەنچىلىك دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا، شەنشى سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى، شەنشى كوكاكولا ئىچىملىك شىركىتىنىڭ كومپيۇتېر رېمونت قىلىشنى سەۋەب قىلىپ 4- فېۋرالدىن 8- فېۋرالغىچە مۇناسىۋەتلىك خاتىرە ۋە بارلىق ئېلېكتېرونلۇق خىزمەت پوچتا يوللانمىلىرىنى يوقىتىۋەتكەنلىكىنى، ھالقىلىق گۇۋاھچىلارنىڭمۇ كوكاكولا شىركىتى تەرىپىدىن مائاشلىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان.

  زۇڭلى ۋېن جياباۋ، خەلقنىڭ سالامەتلىكى بەدىلىگە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولمايدۇ دەپ تەكىتلەپ، تىجارەتچىلەر قېنىدا ئەخلاق قېنى ئېقىشى كېرەك دەپ تەۋسىيە قىلغان، ئەمما كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغىنى، بىر قىسىم تىجارەتچىلەر پۇل ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكى بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ.

  كوكاكولا شىركىتىنىڭ مەسىلە بار مەھسۇلاتقا قارىتا ئېتىراپ قىلماسلىق پوزىتسىيسىدە بولۇشى، كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ، بۇ شىركەتنىڭ يەنە باشقىلار بىلمەيدىغان قانداق سىرلىرى بار؟ يەنە باشقا مەسىلە كۆرۈلگەن مەھسۇلاتلار لاياقەتلىك مەھسۇلات سۈپىتىدە بازارغا سېلىندىمۇ-يوق؟ مەسىلە بار مەھسۇلات ئاللىقاچان ئىستېمالچىلارنىڭ ئاشقازىنىغا كىرىپ بولدىمۇ-يوق؟ ئىچىملىككە دېزىنفېكسىيە قىلىشقا ئىشلىتىدىغان بىر تەرەپ قىلىش سۈيى ئارىلىشىپ كەتكەن بولسا، شىركەت بۇ مەسىلىگە قارىتا قاتتىق دىققەتتە بولۇپ، دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك ئىدى، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىستېمالچىلارنىڭ سالامەتلىكگە زىينى يوق دەپلا بازارغا سېلىۋەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. بۇنداق قىلىش ئېنىقلا ئىنتايىن خەتەرلىك. ئەگەر بۇ خىل مەھسۇلاتلار دەل ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانمىغان بولسا، كېيىن كولا ئىچىملىكىگە يەنە نىمە ئارىلىشىپ كېتىدىغىنىنى كىم بىلىدۇ؟ ئەلۋەتتە 5 مىلىيون دىگەن بۇ سان ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. ئەمما ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا قايسىسى ئەڭ مۇھىم؟ ئادەمنىڭ سالامەتلىك بىخەتەرلىكى ئەڭ مۇھىمدە. ئەگەر ئىستېمالچىلار بۇ خىل مەسىلە كۆرۈلگەن مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىپ كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئىستېمالچىلار تۆلەيدىغان بەدەل پەقەتلا 5 مىلىيونلۇق زىيان بولمايدۇدە.

  ئىزچىل نۇرغۇن ئىستېمالچىلار تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلۈپ كەلگەن كولا ئىچىملىكىدىنمۇ مەسىلە چىققىنى يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتالماسلىقى مۇمكىن، ئەڭ مۇھىمى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئاساسىدا دېموكراتىك قانۇن قۇرۇلۇشى، مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكېلوگىيىلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن كۈچلۈك ئەخلاق كاپالىتى، تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ ساغلام، بىخەتەر، بەختلىك تۇرمۇشىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان مۇكەممەل ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىپ، پۇقرالار يېمەك-ئىچمىكىنىڭ ئەڭ بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش