نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 2205 قېتىم كۈرۈلدى
بىن لادىننىڭ بالىۋاقىلىرى پاكىستاندىن قوغلاپ چىقىرىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-04 -29
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

26-چىسلا،ئىسلامئاباد،لادىننىڭ ئايالى ھەم بالىلىرىنى بېسىپ ماڭغان ماشىنا ئايرودرومغا قاراپ ماڭدى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى 26-چىسلا ئوتتۇرا كېچىدە «بازا»تەشكىلاتىنىڭ باش جىنايەتچىسى لادىننىڭ ئائىلىسىدىكى كىشلەرنى پاكىستاندىن قوغلاپ چىقاردى،بارىدىغان نىشان دۆلەت بولسا سەئۇدى ئەرەبىستان.27-چىسلا سەھەردە،لادىننىڭ ئائىلىسىدىكىلارنىڭ بېسىپ ماڭغان ماشىنا ئالاھىدە نۆۋەتچى ئايروپىلانغا چۈشۈپ ئۇچتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىزچىل« نەزەربەند قىلىنغان»»
كىچىك تىپتىكى ئاق ئاپتوبۇس 26-چىسلا يېرىم كېچىدە پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتىكى لادىننىڭ ئائىلىسىنىڭ سىرتىغا كېلىپ توختىدى،ھەمدە لادىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بېسىپ ئايرودرومغا ئېلىپ مېڭىشقا تەييارلاندى.
  پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا،ھۆكۈمەت«سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن،لادىننىڭ 14نەپەر ئائىلە ئەزاسىنى قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقى چىقارغان،بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ نەپەر ئايالى،11نەپەر پەرزەنتى بار،ئۇلار مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن سەئۇدىغا ئاپىرىلىدۇ»دېگەن.
  لېكىن فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،قوغلاپ چىقىرىلغان لادىننىڭ تۇغقانلىرىنىڭ سانىنى 12،ئايرىم -ئارىم ھالدا ئۈچ نەپەر ئايالى،8نەپەر بالىسى بىلەن بىر نەۋرىسى دېگەن.بۇ يىل 3-ئاينىڭ3-كۈنى،لادىننىڭ ئائىلە ئەزالىرى پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ئىسلامئابادتىكى بىر تۇرۇشلۇق جايدا نەزەربەند قىلىغان.بۇ ئاينىڭ 17-كۈنى،پاكىستان تەپتىش ئەمەلدارى رەسمىي تۈردە لادىننىڭ ئۈچ نەپەر ئايالى،سەككىز پەرزەنتى ھەم ئۈچ نەپەر چاكىرىنى قانۇنسىز تۇرۇپ قالغان دەپ ئەرز قىلغان،26-چىسلا پاكىستان تەرەپ يەنە بىر قېتىم لادىننىڭ ئۈچ نەپەر ئايالى بىلەن ئىككى نەپەر قۇرامىغان يەتكەن قىزىنى ئەرز قىلغان،ھەمدە ئۇلارنى قانۇنسىز چېگراغا كىرىپ تۇرۇپ قالغان دەپ ئەيىبلىگەن.شۇنىڭدىن كېيىن،بىر سوت مەھكىمىسى لادىننىڭ ئايالى ھەم قىزلىرىنى تۈرمىگە 45كۈن پالىغان،ھەمدە جازا مۇددىتىنى 3-ئاينىڭ3-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلغۇزغان.
  بىر ئىسمىنى ئاشىكارلاشنى خالىمىغان پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەمەلدارى 27-چىسلا سەھەردە فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا،لادىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىسلامئاباد ئايروپورتىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەمدە ئالاھىدە نۆۋەتچى ئايروپىلاندا،شۇيەر ۋاقتى ئىككى بولمىغاندا(بېيجىڭ ۋاقتى بەش)ئۇچقانلىقى،ئايروپىلاننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراپ ئۇچقانلىقىنى ئېيتقان.

سەئۇدى ئەرەبىستان كۈتىۋىلىشنى خالىمايدۇ؟
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتتا،لادىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر نەزەربەند قىلىنغان مەزگىلىدە بىخەتەر ھەم ساغلام تۇرغان،ئۇلار قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ئۆزلىرى تاللىغان دۆلەت دەل سەئۇدى ئەرەبىستان دېگەن.
  لادىننىڭ ئۈچ نەپەر ئايالى ئىچىدە،ئىككىسى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق،بىرى يەمەنلىك.ئۇلار 17-چىسلا جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ھەيدەپ چىقىرىلغان،ھەم سەۋەبلىك كەينىگە كېچىكتۈرۈلگەن.
  ئادوۋكات ئەمىر چۈشەندۈرۈپ،ھەيدىلىش كېچىكتۈرۈلۈشنىڭ سەۋەبى پاسپورتنىڭ ئىشلىرى ۋاقتىدا بېجىرىلىپ بولالمىغانلىقتىن دېگەن.لېكىن،بىر قىسىم تاراتقۇلار ئاشىكارلاپ،سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ لادىن ئائىلىسىنى كۈتىۋىلىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ دېگەن.گەپ-سۆز ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتىگە تىغىنى سانجىغانلىقى ئۈچۈن،سەئۇدى ئەرەبىستان 1994-يىلى لادىن ھەم ئاياللىرىنىڭ پاسپورتىنى كۈچىدىن قالدۇرغان.شۇڭا لادىن بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئەۋلادلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدە بولالمىغان.
 سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ 27-چىسلا ھەيدەپ چىقىرىلغان ئىشقا قارىتا ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.پاكىستان شۇيەر تاراتقۇلىرى خەۋەر قىلىپ،سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارى پاكىستانغا كېلىپ ھەيدەپ چىقىرىلغان كىشلەرنى كۈتىۋالىدۇ دېگەن.لادىننىڭ يەمەنلىك ئايالى سادا سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغاندىن كېيىن،بەش بالىسىنى ئېلىپ يەمەنگە قايتىدۇ.

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش