نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1008 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا ئېنژىنېرى ۋاكۇئۇم تۇربا قاتناش ترانسىپورت سىستېمىسىنى لايىھەلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-04 -29
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

 بۇ سىستېمىدىن پايدىلانغاندا، نيۇيوركتىن لوس-ئانژىلىسقا بارىدىغان ۋاقىت 45 مىنۇت قىسقىرايدۇ


ئامېرىكىنىڭ ماشىنىسازلىق ئېنژىنېرى دالىر ئوستېر كەلگۈسى قاتناشقا نىسبەتەن ئىنقىلابىي خاراكتېرلىك تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ۋاكۇئۇم تۇربا يولى ياساش ئارقىلىق قاتناش ۋاستىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان دەرىجىگە كۆتۈرۈش ئىكەن. ئەگەر بۇ تەسەۋۋۇر ئەمەلگە ئاشسا، نيۇيوركتىن لوس-ئانژىلىسقا بارىدىغان ۋاقىت 45 مىنۇت قىسقىرايدىكەن.

ۋاكۇئۇم تۇربا يولى ترانسىپورت سىستېمىسى ھاۋا ۋە سۈركىلىش كۈچى بولمىغان قاتناش ترانسىپورت سىستېمىسى، پويىز ياكى ئايروپىلانغا سېلىشتۇرغاندا، بۇنداق ترانسىپورت سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكى يۇقىرى بولۇپ، تەننەرخى ۋە شاۋقۇنى تۆۋەن ئىكەن. بۇ ۋاكۇئۇم تۇربىدا ماڭىدىغان قاتناش ۋاستىسىغا 6 تال خېرىدار توشۇش ئورۇندۇقى ئورنىتىلغان، ئېغىرلىقى 183 كىلوگرام، لايىھە سۈرئىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان سائىتىگە 6500 كىلومېتىر بولۇپ، ئوخشاشلا سەرپ بولىدىغان ئېنېرگىيە ئەنئەنىۋىي قاتناش ۋاستىسىدىن تۆۋەن ئىكەن. بۇ ۋاكۇئۇم تۇربا ترانسىپورتى ئارقىلىق، نيۇيوركتىن لوس-ئانژىلىسقا 45 مىنۇت كېتىدىكەن، نيۇيوركتىن جۇڭگوغا ئارانلا 2 سائەت كېتىدىكەن، دۇنيانى بىر ئايلىنىش ئۈچۈن، ئارانلا 6 سائەت كېتىدىكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 بەدىئىي سۈرەتتە ۋاكۇئۇم تۇربا سىستېمىسى كۆرسىتىلگەن

 

لايىھەلىگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋا ۋە سۈركىلىش كۈچى يوق بۇ سىستېمىنىڭ سۈرئىتى توكلۇق ماشىنا ياكى پويىزنىڭ 50 ھەسسىسىگە باراۋەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىغا ئاساسەن بۇ ۋاكۇئۇملۇق قاتناش ترانسىپورتىنى تېز سۈرئەتلىك شەخسىي قاتناش ۋاستىسى قىلىپ، يولنى تورلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىمۇ بولىدىكەن.

لايىھەلىگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سىستېمىنىڭ ياسىلىش تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ تۆتتىن بىرى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن. گەرچە ئۇنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولسىمۇ، يولۇچىلار ئىنتايىن كىچىك ئېغىرلىق كۈچى ئىنېرتسىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. بۇ لايىھەنى ئامېرىكىلىق ئېنژىنىر ئوستېر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، 1997-يىلى بۇ تېخنىكىنىڭ پاتېنتتىنى ئالغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

بۇ سىستېمىنىڭ تەننەرخى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ تۆتتىن بىرىگە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن.

Www.AnAdiyar.Cn

بۇ سىستېمىغا 6 تال خېرىدار توشۇش ئورۇندۇقى ئورنىتىلغان، ئېغىرلىقى 183 كىلوگرام بولۇپ، سائىتىگە 6500 كىلومېتىر ماڭالايدۇ.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش