نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 2126 قېتىم كۈرۈلدى
خوتۇن ئالسا دۆلەتكە باج تۆلەيدىغان دۆلەتلەر
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-04 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولسا «كۆپ خوتۇنلۇق بېجى» ئالىدۇ دېسە، بەلكىم كۈلكىڭىز كېلىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ بىر ئەمەلىيەت بولۇپ، بېنگال دۆلىتىنىڭ تۆتىنچى چوڭ شەھىرى راجشاش شەھىرىدە ھازىرغا قەدەر يۈرگۈزۈلمەكتە. 2006-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ بۇ شەھەر بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشتەك كونا ئۆرپ-ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، كۆپ خوتۇنلۇق بولغانلاردىن باج ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ھەر قانداق بىر ئەر ئىككىنچى خوتۇننى ئەمرىگە ئالغاندا 10مىڭ تاكا، ئۈچىنچى خوتۇننى ئەمرىگە ئالغاندا 30 مىڭ تاكا، تۆتىنچى خوتۇننى ئەمرىگە ئالغاندا 40 مىڭ تاكا (تەخمىنەن 312 ئامېرىكا دوللىرى) باج تۆلەيدىكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئەمەلىيەتتە بېنگال دۆلىتىدە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش قانۇنلۇق بولۇپ، بۇنداق باج تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقىغا قارىتا شەھەر باشلىق مىجانۇر چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى : «بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى ئاياللارنى ھۆرمەتلىمىگەنلىك ھەم بۇ ھازىرقى زامانغىمۇ لايىق كەلمەيدۇ». ئىگىلىنىشچە، بۇ مەزكۇر شەھەرنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشتىكى يەنە بىر يېڭى تەدبىرى ئىكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

بېنگال دۆلىتى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ. ئىسلام دىنىدا بىر ئەرنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشىغا يول قويۇلغاچقا، بۇ دۆلەتتە كۆپ خوتۇنلۇق ئائىلىلەر ناھايىتى كۆپ.
 

Www.AnAdiyar.Cn

بەلكىم غەرب ئەللىرىنىڭ نەزىرىدە ئىسلام دىنى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا ئىجازەت قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىكى ئىسلام دىنى بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى ھەممىگە لايىق دەپ قارىغان ئەمەس.

مۇھەممەد ئەلەيكىسالاممۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا پەقەت بىر خوتۇن بىلەن ئۆتكەن. ئۇ 25 ياشقا كىرگەندە خەدىچىنى ئەمرىگە ئېلىپ 50 يېشىدا خەدىچە ۋاپات بولغۇچە، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇشنى بەجا كەلتۈرگەن. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىلگىرى بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش دەۋرى بولغان. لېكىن دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى قوللايدىغانلارمۇ بار بولدى، بۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلارمۇ بولدى. 
 
 

Www.AnAdiyar.Cn

تۇنىسقا ئوخشاش ئافرىقا ئەرەب دۆلىتى ئاللىبۇرۇنلا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمىنى قانۇندىن ئېلىپ تاشلىغان. بېنىنغا ئوخشاش ئافرىقا دۆلەتلىرىمۇ ئالدىنقى مەزگىللەردە بۇ تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.


لېكىن بۇ تۈزۈمنى ئىزچىل يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ بار. مەسىلەن سېنېگالدا ھازىرمۇ بۇ خىل تۈزۈم يولغا قويۇلماقتا.
 

 

 

Www.AnAdiyar.Cn

سېنېگالنىڭ پىرېزىدېنتى ۋاد 2000-يىلى قانۇن ئېلان قىلىش ئارقىلىق قىز-ئاياللارنى ئازادلىققا چىقىرىش توغرىسىدا تۈزۈم ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى رەت قىلغان ھەمدە ئۇنى يوقىتىۋېتىشكە بولمايدىغان ئەنئەنە، دەپ قارىغان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش