نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 535 قېتىم كۈرۈلدى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئەتىنى قوغداش ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-03 -27
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : hawar.cn

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ئون چوڭ تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى.

1 – دېلو مىسالى: يېمەكلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش دېلوسى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 260 يەشىك ئاچچىق – چۈچۈك توخۇ پۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، ئۇنىڭ قىممىتى 31 مىڭ 800 يۈەن بولۇپ، لاياقەتسىز مەھسۇلاتنى سېتىش قىلمىشى شەكىللەنگەن. بۇ دېلونى بۇلاقتاغ رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 2011 – يىلى 3 – ئاۋغۇست تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

2 – دېلو مىسالى: لاياقەتسىز تاۋار سېتىش دېلوسى

ئەن xx ئاليۇمىن تەركىبىي ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن 46 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئون توننا پىنتوزىنى سېتىپ، لاياقەتسىز مەھسۇلات سېتىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ دېلونى سايباغ رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 2011 – يىلى 3 – نويابىر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

3 – دېلو مىسالى: لاياقەتسىز چىلانغان قەغەزدىن قەۋەتلەپ پىرېسلانغان ياغاچ تاختاي سېتىش دېلوسى

جاڭ xx ئىگىلىشچانلىقى ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان 93 مىڭ 300 يۈەن قىممىتىدىكى 1555 يەشىك ‹‹خۇييىجيا›› ماركىلىق ياغاچ تاختاينى سېتىپ، لاياقەتسىز مەھسۇلات سېتىش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەن. بۇ دېلونى بۇلاقتاغ رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 2011 – يىلى 29 – ئىيۇل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

4 – دېلو مىسالى: رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلغان ۋە كىنىشكىسىز تىجارەت قىلغان ئاق ھاراق دېلوسى

ۋاڭ xx ‹‹ئىلى›› نامىدىكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان 400 بوتۇلكا، 16 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئاق ھاراقنى كىنىشكىسىز سېتىپ، كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىش ۋە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەن. بۇ دېلونى تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 2012 – يىلى 5 – يانۋار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

5 – دېلو مىسالى: رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دېلوسى

ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونى ‹‹لىيۈشەن›› يولىدىكى مەلۇم تاللا بازىرى ‹‹تېلۈنسۇ›› نامىدىكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان 100 يەشىك، 8000 يۈەن قىممىتىدىكى سۈت مەھسۇلاتىنى سېتىپ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەن. بۇ دېلونى يېڭىشەھەر رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 2011 – يىلى 12 – يانۋار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

6 – دېلو مىسالى: رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان ئىزولياتورلۇق پىلاستىر سېتىش دېلوسى

لى xx ‹‹كېشۈن›› نامىدىكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان 200 يەشىك، 44 مىڭ 800 يۈەن قىممىتىدىكى ئىزولياتورلۇق پىلاستىرنى سېتىپ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەن. بۇ دېلونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 2011 – يىلى 1 – ئىيۇل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

7 – دېلو مىسالى: رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلغان ئاپتومبىل زاپچاسلىرىنى سېتىش دېلوسى

جاڭ xx ‹‹تويوتا›› نامىدىكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان 30 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى سېتىپ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەن. بۇ دېلونى ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 2011 – يىلى 7 – ئىيۇل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

8 – دېلو مىسالى: رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان ئاپتوموبىل چىرىغىنى سېتىش دېلوسى

جاڭ xx ‹‹باۋلى›› نامىدىكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان 66 مىڭ 100 دانە، 9000 يۈەن قىممىتىدىكى ئاپتوموبىل چىرىغىنى سېتىپ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەن. بۇ دېلونى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارسى 2011 – يىلى 27 – ماي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

9 – دېلو مىسالى: رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان ئاپتوموبىلنىڭ چاق بۇلىنى سېتىش دېلوسى

لى xx ‹‹ئاممىباب››، ‹‹ ئاۋدى››، ‹‹خوندا›› نامىدىكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىلىرىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان جەمئىي 8920 يۈەن قىممىتىدىكى 38 ئاپتوموبىل چاق بۇلىنى سېتىپ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەن. بۇ دېلونى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 2010 – يىلى 24 – دېكابىر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

10 – دېلو مىسالى: رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان ئايالچە پايپاق سېتىش دېلوسى

شىيۇڭ xx ‹‹لاڭشا›› نامىدىكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان جەمئىي 250 يەشىك پايپاقنى 7500 يۈەنگە سېتىپ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەن. بۇ دېلونى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارسى 2011 – يىلى 22 – ئىيۇن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكىلەر 2011 – يىلى ئېستىمالچىلار ئەرز – شىكايەت قىلغان، پاش قىلغان جەمئىي 7413 دېلونى قوبۇل قىلغان، مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇرەسسە قىلىش نىسبىتى %99كە يەتكەن بولۇپ، ئىستېمالچىلارنى 97 مىليون 99 مىڭ 800 يۈەن ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قالغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىستېمالچىلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىدۇكى: تۇرمۇشتا ئىستېمال توزىقىغا دۇچ كەلگەندە، ‹‹12315›› ئىستېمالچىلار قىززىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ ھوقۇقىنى قوغدىسا بولىدۇ
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش