نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1754 قېتىم كۈرۈلدى
ھايۋانلار بىلەن سىردىشەلەيدىغان بالا
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-03 -18
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 

ھايۋانلار بىلەن سىردىشىدىغان بالىنى ئاڭلىغانمىتىڭىز؟ بىرازىلىيەنىڭ بىر كەنتىدە بالىلارغا ئارىلاشمايدىغان، ھايۋانلار بىلەن بىللە ئۆتۈشنى ياخشى كۆرۈدىغان بىر بالا بولۇپ، ئۇ كۈن بويى ئائىلىسىدىكى كالا، قوي، ئىت مۈشۈكلەر بىلەن بىللە ئوينايدىكەن. بۇ ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭ تىلىنى ئۇقىدىغاندەك ئىش قىلىدىكەن.

بىر قېتىم بىر كىشى ھەسەل ھەرىسى كۆنىكىگە تېگىپ قويغانلىقتىن، ھەرىلەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان. ئائىلىسىدىكىلەر ھېلىقى بالىنى چاقىرىپ كەلگەندە، ئۇ بالا ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ھەرىدىن ئىككىنى تۇتۇپ ئالقىنىغا قويۇپ، بىر مەھەل سۆزلەشكەن، نەتىجىدە ئۇ ئىككى ھەسەل ھەرىسى قايتىپ بېرىپ باشقا ھەرىلەرنى باشلاپ كەتكەن. يەنە بىر قېتىم بىر سېرىك ئۆمىكى ئۇ بالا ئولتۇرۇشلۇق كەنتكە ۋەھشىي شىر سولانغان چوڭ تۆمۈر قەپەستىن بىرنى ئېلىپ كەلگەن، ئۇ بالا بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ، تۆمۈر قەپەس ئىچىگە كىرىپ، شىر بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىغان، شىر ئۇنى چىشلەش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە دوستانە ھالدا تىلىنى چىقىرىپ، بالىنىڭ يۈزىنى يالاشقا باشلىغان. بۇنى كۆرگەن كىشىلەر ھاڭ-تاڭ قالغان. يەنە بىر قېتىم، ئۇ تاغدىن بىر چوڭ قورساقلىق يىلاننى كۆرۈپ، ئۇنى بىر قانچە قېتىم چاقىرغاندا، يىلان ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن، ئۇ يىلاننى تۇتۇۋېلىپ ئوينىغان، زەھەرلىك يىلان ئۇنى چاقماستىن بەلكى ئۇنىڭ قولىنى يالاشقا باشلىغان، شۇڭا ئۇ يەردىكى كىشىلەر بۇ بالىنى ھايۋانلارنىڭ سىردىشى دەپ ئاتىغان.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش