نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 396 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا تېكساستىكى بىر خام نېفىت باكى پارتلاپ كېتىپ ئوت كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-02 -24
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : خەلقئارا تورى

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

  جۇڭگو خەۋەر تورى 2-ئاينىڭ24-كۈنىدىكى تېلگراممىسى :چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ئامېرىكا تېكساس شتاتى گالۋېستون شەھىرىدە شۇ جاي ۋاقتى 23-چىسلا كەچتە خام نېفىت باكى پارتلاش ۋەقەسى يۈزبەردى.بىر ئىشچى قويۇق ئىسنى سۈمۈرىۋېلىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى.

 

      شۇ جاي ۋاقتى 23-چىسلا كەچ 7:30 ئەتراپىدا ،گالۋېستون شەھىرىدىكى بىر بىئو دېزىل مېيى زاۋۇتىنىڭ خام نېفىت باكى پارتلاپ كېتىپ كۆيۈپ كەتتى.ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئوت ئۆچۈردى.ئىككى سائەتتىن كىيىن ئوت كونتىرول قىلىندى،ۋەقە يۈزبەرگەن جايغا يېقىن ئەتراپتىكى قاتناش ۋە كۆۋرۈكلەردىكى قاتناش قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى.

 

       بۇ شەھەرنىڭ باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە ،بىر ئىشچى قويۇق ئىسنى سۈمۈرىۋېلىپ داۋالىنىۋاتىدۇ،ھازىرچە باشقا يارىلانغانلىق دوكلاتى يوق.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش