نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 895 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكىدا 20 سىكونتتا چاچ چۈشۈرەلەيدىغان قالپاق كەشىپ قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -11
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

 

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق بىر ئەر پەقەت 20 سىكونتتىلا باشنى تاقىر قىلىۋېتىدىغان قالپاق كەشىپ قىلغان.
نيۇ يوركتىن كەلگەن Boris يېقىندا ئۆزى ئىجاد قىلغان قالپاقنىڭ قىسقا فىلىمىنى تورغا چىقارغان. بۇ قالپاق قارىماققا ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر زۇلمەت دەۋىرلىرىدىكى قېزىلما بويۇملارغا ئوخشاپراق قالىدىكەن، تۆت تال تىغى بار ئىكەن، ئاليۇمىن سېنزورنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان ئىككى ماتور ئارقىلىق قوزغىلىدىكەن، يەنە تېخى چاچ ياساش سۇيۇقلۇقى قاچىلايدىغان يېرىمۇ بار ئىكەن. بۇ قالپاققا يەنە LED كۆرسەتكەچ چىراق ئورنىتىلغان بولۇپ، چاچنى چۈشۈرۈپ بولغاندا بەلگە بېرىدىكەن.
Boris، بۇ قالپاق چېچىنى چۈشۈرگۈچىگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەيدۇ، دىگەن. تورغا چىقارغان فىلىمدىكى قاپ يۈرەك سىنىغۇچىنىڭمۇ بېشى ھېچقانداق يارلانمىغان. Boris نىڭ دىيىشىچە، ئۇسترا بىلەن چاچ چۈشۈرگەندە، ئالدى-كەينى، ئوڭ-سول ھەرىكەت قىلىپ ئاۋارىچىلىق كۆپ بولىدىكەن، بۇ قالپاق ئەنئەنىۋى چاچ چۈشۈرۈش ئۇسۇلىغا قارىغاندا تۆت ھەسسە يوقىرى بولغان ئىش ئۈنۈمى يارىتالايدىكەن

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش