نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 351 قېتىم كۈرۈلدى
لياۋنىڭدىكى قىسمەن ئالى مەكتەپنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرى شىنجاڭ، شىزاڭدا زىيارەتتە بولدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -27
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : uycnr.com

 

 

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:
چاغان ھارپىسىدا لياۋنىڭدىكى شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسى بار 41 ئالى مەكتەپنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇل، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جاي ۋە شىزاڭ، چىڭخەينىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 140تىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ قېتىم زىيارەت قىلىنغان 120دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسى شىنجاڭدا بولۇپ، زىيارەت ئۆمىكى ئالدى بىلەن شۇ يەردىكى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى، جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەت ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيە سىياسىي تەلىم-تەربىيەسىنى باشقۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك تەجرىبىلەر شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئىقتىسادى، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئاڭلىدى. ئىككى تەرەپ يەنە ئاز سانلىق مىللەت ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمى بولغان ئىدىيە سىياسىي تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش