نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 709 قېتىم كۈرۈلدى
قىسىمدا بايرام
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -27
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

 

گۈلبەھرەم مۇختار

ھەممىمىزگە مەلۇم مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت-بايراملىرىنى ئۆز يۇرتىدا ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، قېرىنداشلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىراق ئارىمىزدا شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى ئۇلار ۋەتەن، خەلقنى قوغداشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسىدىن يىراق جايلاردا، ئۆزگە يۇرتلاردا توختىماي تىرىشىدۇ، ئالغا ئىلگىرلەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىمىز!

مەن چاغانلىق ئالاھىدە پىروگراممىلارنى ئىشلەش داۋامىدا تورداشلارنى ۋەتەن، خەلقنى قوغداش ئۈچۈن جاپالىق مەشىق قىلىۋاتقان ھەربىيلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسمىدىكى مىللىي 3-روتىغا كەلدىم، سەھەردە گازارما ئىچى ئاخشام ياققان قار سەۋەبىدىن ئاپئاق قارغا پۈركەن بولۇپ، بۇ يەرگە يېتىپ كەلگىنىمدە ئەسكەرلەر ئەتىگەنلىك كاناينىڭ ئاۋازى چىقىشى بىلەن يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ بولۇپ، ئەتىگەنلىك مەشىققە چىققان ئىكەن، ئۇلار بىر نەچچە مەيدان يۈگۈرۈپ مەشىق قىلغاندىن كېيىن، قوللىرىغا گۈرجەك، سۈپۈرگە ئېلىشىپ قار تازىلاشقا چۈشۈپ كەتتى.

ئەسكەرلەر قارلارنى تازىلاپ بولۇپ رەتلىك قىلىپ دۆۋىلىگەندىن كېيىن ئەتىگەنلىك تاماققا مېڭىشتى، بەلكىم ھەربىيلەرنى تاماقنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتىدىكەن دېسەم ھەيران قىلىشىڭىز ۋە بەزىلەر بۇنىمۇ ئارتۇقچە ئىشقۇ، تاماقنىڭ ئالدىدىمۇ ناخشا ئېيتىپ تاماق يەمدۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن، بىراق بۇمۇ ئەنە شۇ سۆيۈملۈك كىشىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ نامايەندىسى، بۇ ھەم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش