نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1073 قېتىم كۈرۈلدى
بىر پارچە خىش پارچىسى 17 ياشلىق قىزنىڭ چىرايىنى بۇزىۋەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -11
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

 

ئەنگىلىيەلىك 17 ياشلىق يېنىك ئاتلېتىكا ماھىرى سامانشا.ساندىلىنىڭ چىرايى بۇزۇلۇپ كەتتى


بىر ئوبدان ماشىنىدا ئولتۇرغان بۇ قىز، ئاسماندىن ئۇچۇپ چۈشكەن بىر پارچە خىش پارچىسىنىڭ يۈزىگە تىگىپ كېتىشى بىلەن چىرايى بۇزۇلۇپ، كۈتۈلمىگەن قازادىن ئېغىر ئازاپقا قالدى. قىسقىغىنە بىر مىنۇت ئىچىدە ئۇنىڭ بۇرۇن سۆڭىڭى سۇنۇپ، يۈز قىسمى ئېغىر يارلاندى. بىراق پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى پەقەت 200 فوندستېرلىڭ تۆلەم تۆلىدى.
سامانشا.ساندىلى ئەنگىلىيەنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا ماھىرى بولۇپ، بۇ قېتىمقى تاسادىپىي يۈز بەرگەن كېلىشمەسلىك ئۇنىڭ ھاياتىدا چوڭ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. خىش ئاتقان 14 ياشلىق قۇرامىغا يەتمىگەن بالا بولۇپ، خىش سامانشا.ساندىلى ئولتۇرغان ماشىنىنىڭ ئەينىكىگە كىلىپ تەگكەن. بۇ چاغدا سامانشا.ساندىلى ماشىنىنىڭ كەينىدىكى ئورۇندۇقتا سىرتقا قاراپ ئولتۇرغان بولۇپ، تۇيۇقسىز ئۇچۇپ كەلگەن خىش پارچىسى ماشىنا ئەينىكىنى پارچە-پارچە قىلىۋىتىپ، قىزنىڭ يۈزىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىراق يىگىت تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن بالا بولغاچقا پەقەت 200 فوندستېرلىڭ جەرىمانە تۆلىگەن.
گەرچە دوختۇرلار قىزنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇللار بىلەن داۋالىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يۈزىدە ئېغىر تارتۇق ۋە جاراھەت ئىزلىرى قالغان. شۇڭا بۇ قىزنىڭ تەغدىرى ئۆزگىرەپ يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىغاندىن باشقا چىرايى بۇزۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن مەكتەپكە بېرىشقىمۇ پېتىنالمىغان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش