نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1251 قېتىم كۈرۈلدى
FIFA باش كاتىپى بىرازىلىيەنى«دۇنيا لوڭقىسى قانۇنى»نى تېزراق ماقۇللاشقا دەۋەت قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -19
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

خەلقئارا پۇتبولچىلار جەمئىيتىنىڭ باش كاتىبى ۋارىك

بىرازىلىيدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ۋارىك 16-يانۋار بىرازىلىيە پارلامىنتىنىڭ 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى قانۇن لاھيەسى«دۇنيا لوڭقىسى قانۇنى»نى تېزراق ماقۇللىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
« دۇنيا لوڭقىسى قانۇنى» نى تۇرغۇزۇش خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگۈچى دۆلەتكە قويغان كۈچلۈك تەلىۋى بولۇپ،قانۇن شەكلى ئارقىلق مۇسابىقىنى ئۆتكۈزگۈچى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك مەجبۇريەتلىرىنى ۋە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تۈرلۈك لاھيەلىرىنى،مەسىلەن بىلەت باھاسى،ئايىرپورىتنىڭ ئىشلىتىلىشى،ئىچىملىك بىلەن تەمىنلەش،مەكتەپلەرنىڭ تەتىلى قاتارلىق بىر قاتار ئىشلارنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەد قىلىدۇ.
بىرازىلىيە پارلامىنتى ئالاھىدە كومتېتى 12-ئايدا بۇ قانۇن لاھيەسىنىڭ ماقۇللىنىش ۋاقتىنى 2-ئايغە كىچىكتۈرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ئىدى.ئاساسلىق سەۋەپ بەزى مەسىلىلەردە بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئوتتۇرسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنمىغان.يەنى مۇسابىقە مەزگىلىدە مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئىچى-سىتېرتىدا ئىچىملىكلەرنى سىتىش،ئىتىبار بىلەت قاتارلىقلاردا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنمىغان.
بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى تۈزگەن لاھيەدە،ئەڭ ئەرزان بىلەت 25 ئامرىكا دوللىرى قىلىپ بەلگىلەنگەن،بۇلارنىڭ ئىچىدە ياشانغانلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلىتى %50 نى ئىگىلىگەن،قالغان يىرىمىنى ھۆكۈمەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۆكۈمەتكە قۇرال تاپشۇرغان كىشىلەرگە بىرىش،يەرلىك ئاھالىلەرگە ۋە نامراتلارغا نۇقتىلىق ياردەم بىرىش قاتارلىقلارنى بىكىتكەن.
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى يەنە بىرازىليىنىڭ شىمالىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزلىدىغان شەھەرلەردىن فۇتالىسا ۋە سارۋادونى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.ۋارىك يەنە ئۆزىنىڭ 3-ئايدا بىرازىليىگە كىلىپ،پارلامىنتىنىڭ «دۇنيا لوڭقىسى قانۇنى»نى ماقۇللاش پارلامىت يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش