نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1635 قېتىم كۈرۈلدى
كىرىتىسيان رونالدو بىلەن مىسسنىڭ زادى قايسى غەلبە قىلدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -19
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

پۈتۈن دۇنيانىڭ دىقىىتىنى تارتىۋاتقان ئىسپانىيە دىرىبىسى يېتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرماقتا،بۇ مەيدان مۇسابىقىدا ھازىر دۇنيادا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىۋاتقان داڭلىق ئىككى قاتىل ھۇجۇمچى تۇتۇشىدۇ،يەنى بارىسلوناندىكى مېسسى بىلەن خان مادىردتىكى كىرىستىيانو رونالدو،بۇ ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپاننىڭ مۇسابىقە جەريانىدا توپ ئۇرۇش ئېھتىمالىقى ئەڭ يۇقۇرى ،خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشچە كىرىستىيانو رونالدو مۇشۇ قېتىمقى مۇسابىقىدا مېسسىنى مەغلۇپ قىلىپ دۇنيادىكى بىرىنىچىلىك ئورنىنى قايتۇرۋالماقچى بولغان،يېقىنقى ئۈچ يىل جەريانىدا مېسسى رونالدوغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ،غەلبە قىلغۇچى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ،مۇشۇ ئۈچ يىل جەريانىدا بەدىنى قاۋۇل،كۈچلۈك كەلگەن رونالدو بۇيى پاكار بولغان مېسسىنىڭ بېسىمىغا ئۇچىرىدى،2011-يىلى بىر يىل ئىچىدە مېسسى ھەر قايسى تۈردىكى مۇسابىقىدا جەمىئى 57 توپ ئۇردى،بۇنىڭ ئىچىدە 53 توپنى بارىسلونا كوماندىسدا،4 توپنى ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسدا ئۇردى،رونالدو بولسا 56 توپ ئۇردى،يەنى 49 توپنى خان مادىرىتتا 7 توپنى پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسدا ئۇردى،رونالدو ۋە مېسسى ھەر ئىككىلىسى بۇ پەسىل مۇسابىقە باشلىنىپ ھازىرغا قەدەر جەمىئى 17 توپ ئۇرۇپ ئىسپانىيە مەرگەنلەر رەت-تەرتىۋىدە بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ،
نوقتا توپ ئۇرۇش جەھەتتە رونالدونىڭ نەتىجىسى مېسسىدن ياخشى،بۇ پەسىل رونالدو ئۇرغان 6 نوقتا توپنىڭ ھەمىسى كىردى،مېسسى ئۇرغان ئىككى نوقتا توپنىڭ بىرسى كىرمىدى،ئىختىيارى توپ ئۇرۇش جەھەتتە ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۇرغان ئىختىيارى توپتا تەلىيى كەلمىدى،ھازىرغا قەدەر ھەر ئىككىلىسى ئىختىيارى توپتا نۇمۇر ئېلىپ باقمىدى،كوماندا ئەزالىرى بىلەن ماسلىشىش جەھەتتە رونالدو يەنىلا مېسسىدىن يۇقۇرى تۇرىدۇ،بۇلۇپمۇ رونالدو بۇ پەسىل تېز ئىلگىرلىدى،سەبداشلىرىغا بەرگەن پاسلىرمۇ بەك ئۆلچەملىك بولدى،بۇ تۈردە رونالدو 7 پاس،مېسسى 6 پاس چىقاردى،
بۇ يىل 23-ياشقا كىرگەن مېسسى ئۇچۇن بۇ قېتىملىق مۇسابىقە بارىسلوناغا ۋاكالىتەن 293-مەيدان رەسمى مۇسابىقىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ،مېسسى خان مادىرد بىلەن جەمى 15 قېتىم تۇتۇشتى،مۇشۇ 15 مەيدان مۇسابىقىدا 13 توپ ئۇردى،خان مادىرد بىلەن بولغان مۇسابىقىدا جەمى 1359 مىنۇت مۇسابىقە ئوينىدى،104 مىنۇتتا بىردىن توپ توغرا كەلدى،
لېكىن چاتاق يېرى شۇكى بۇ ئىككى چولپاننىڭ ھەر قېتىم ئوينىغان چوڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى بەزىدە ئانچە ياخشى ئەمەس،چۇنكى بۇلاردا بېسىم بار،رونالدومۇ ئالدىنقى پەسىل شۇنداق بولغان،لېكىن 2011-يىلى رونالدو ئۆزىدىكى بېسىم ۋە جىددى كەيپىيات ئۈستىدىن غالىپ كەلدى،مۇشۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا بارىسلوناغا ئۈچ توپ ئۇردى، ئەمدى 11-چىسلا سەھەردە ئۆتكۈزۈلدىغان مۇسابىقىدا كىرىستىيانو رونالدو مۇبادا بارىسلونانىڭ مۇنەۋەر بېكلىردىن بۆسۆپ ئۆتۈپ توپ ئۇرۇپ مادىردتنى غەلبىگە ئېرىشتۇرەلىسە ئېھتىمال بۇ يىلقى « ئالتۇن توپ » مۇكاپاتنى ئېلىشى، شۇنداقلا دۇنيادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى يەنە قايتۇرۋېلىشى مۇمكىن،لېكىن پاكار بوي مېسسىمۇ بوش ئەمەس،قېنى بۇ مۇسابىقىدا زادى قايسىسى توپ ئۇرىدۇ
پۈتۈن دۇنيا توپ مەستانىلىرى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىۋاتقان ئىسپانىيە دىرىبىسى يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ،شۇنىڭغا ئەگىشىپ دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخىسلەر بۇ مۇسابىقىغا قارىتا ئۆزىنىڭ ھەر خىل پەرىزىنى ئوتتۇرغا قويدى،ئەمدى بۇنىڭغا ساھىپجاماللارمۇ ئارلاشتى،چۈنكى بۇ دىرىبى گۈزەل قىزلارنىمۇ جەلىپ قىلىدۇ ئەلۋەتتە،يېقىندا ئىسپانىيە گۈزىلى بۇلۇپ باھالانغان ئەندىرىيامۇ ئۆزىنىڭ پەرىزىنى ئوتتۇرغا قويدى،يەنى مۇسابىقىدا مېسسى توپ ئۇرىدۇ،ئاخىردا بارىسلونا 5 : 1 نەتىجە بىلەن خان مادىردنى ئېچىنىشلىق مەغلۇپ قىلىدۇ، بۇ يىل 21-ياشقا كىرگەن ئەندىرىيانىڭ ئىگىزلىگى 1 مېتىر 81 سانتا،ئالتۇن چاچ،توت خىل تىل بىلىدۇ،ئىسپانىيە بۇيىچە بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىدىغان ساھىپجامال ،بارىسلونا مەستانىسى،ئەندىرىيا بۈگۈن« دۇنيا تەنتەربىيىسى گېزىتىنىڭ» زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى،بۇ مۇسابىقىنى چۇقۇم نەق مەيداندىن كۆرىمەن،خان مادىرىد كوماندىسىنىڭ گەرچە يېڭى پەسىل مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيانقى نەتىجىسى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بارىسلوناغا تەڭ كىلەلمەيدۇ،بۇ مەيدان مۇسابىقىدا بارىسلونا ئېنىقلا خان مادىرىدنى مەغلۇپ قىلىدۇ،مەن بارىسلونادىكى شاۋىنى قاتتىق ياخشى كۆرىمەن،ھەم شاۋىغا ئاشىق ،پىكمۇ كېلىشكەن شۇنداقلا يۇمران،گۇئادىئالا بولسا قارشى تەرەپ بىلەن تۈكۈرۈك ئۇرۇشى قىلىشنى قەتئى ئۇقمايدىغان ئادەم،قانداق قىلىش كىرەكلىگىنى ئوبدان بىلىدۇ،مەن مېسسىنى كۆرگەن ،مېسسى بەك نازۇك،كىرىستىيانو رونالدو ؟،رونالدومۇ بەك كېلىشكەن،بىز ھەمىمىز رونالدونى ياخشى كۆرىمىز،بۇلۇپمۇ توپ ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىنكى تەبرىكلەش ھەركىتىگە مەن بەك ئامراق،!
مانا بۇگۈن كەچتە ئىسپانىيە دۆلەت دىربىسى باشلىنىدۇ ،ئەپسۇس شىنجاڭ ۋاقتى 3:00دە باشلىندۇ ،كەڭ پۇتپۇل ھەۋەسكارلىرنىڭ پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قۇيماسلىقىنى ئۈمۈت قىلمەن!

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش