رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1109 قېتىم كۈرۈلدى
ئەنگىلىيە جەنۇبىي قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتىغا 36 نەپەر ئارقا سەپ تەمىنات خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىدىغا ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -17
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : hawar.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە جەنۇبىي قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتى يېقىندا تورغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 36 نەپەر ئارقا سەپ تەمىنات خادىمى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ھەش-پەش دېگۈچە 3 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرغان. ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىزچىل يۇقىرى بولۇۋاتقان ئەنگىلىيەدە، يىللىق مائاشى 20 مىڭ فوندسىتېرلىڭدىن ئاشىدىغان، ھەقسىز ياتاق-تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغان بۇ خىزمەت كىشىلەرنى جەلپ قىلماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.

ئىگىلىنىشىچە، ئەنگىلىيە جەنۇبىي قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتى ھەر يىلى ئارقا سەپ خادىملىرى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىلمۇ تۇرۇبا رېمونتچىسى، توكچى، ئاشپەز ۋە ياغاچچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 36 ئادەم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان. قوبۇل قىلىنغۇچىلار جەنۇبىي قۇتۇپتىكى ھەر يىلى 5 ئاي داۋاملىشىدىغان قۇتۇپ كېچىسى ۋە نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلتسىيە گىرادۇسلۇق سوغوق ھاۋاغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك ئىكەن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلار 23مىڭ 700 فوندسىتېرلىڭلىق يىللىق مائاش ۋە 10 پىرسەنتلىك خىزمەت تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، شۇنداقلا ھەقسىز ياتاق-تاماق ۋە دالا خىزمەت كىيىمىگە ئېرىشەلەيدىكەن.

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203